ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2023-03-17
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خىتاي ئارمىيەسىنى «پولات ئىستىھكام» قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ھەربىي ھازىرلىقلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە شەپە بەردى.
2023-03-17
«ۋال سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 16-مارت كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي خاككېرلىرى ئامېرىكىدا نورمال ئېچىلىدىغان تور بېكەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك قوراللىرىنىمۇ كېرەكسىز قىلىپ قويىدىغان يېڭى بىر تېخنىكىنى كەشىپ قىلغان.
2023-03-17
يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدە، ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ۋە بېلگىيە خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئەپ دېتالى دەپ قارىلىۋاتقان تىك توكنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىتىشتىن چەكلەۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا ئەنگلىيەمۇ قېتىلغان.
2023-03-17
خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورى ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 17-مارت كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ھەر كۈنى قەشقەر بىلەن ئىچكىرى خىتايدىكى 25 شەھەر ئارىلىقىدا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنى كۆپەيتمەكچى ئىكەن.
2023-03-17
يېقىندا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى رۇسىيەنى ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. 3-ئاينىڭ 17-كۈنى مەزكۇر سوت قارار چىقىرىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى ئۇكرائىنالىق بالىلارنى تۇتقۇن قىلىش جاۋابكارلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىشنى بۇيرۇغان.
2023-03-16
ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى «MI5» يەنى 5-باشقارما خىتاينىڭ دۆلەت قوللىشىدىكى خاككېرلىق ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بىر ئورگان قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان.
2023-03-16
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ بايلىقىدىن سىجىل پايدىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئاچقان.
2023-03-16
ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتى تىك-توك ئېپى ئەگەر باش شىركىتىنى ئالماشتۇرمىغان تەقدىردە ئۇنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
2023-03-16
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى خەلقئارالىق ئورگانلاردا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تىۋىتتېر ھېسابى ئارقىلىق بىر ۋىدىيو تارقىتىپ ئۇيغۇر ئېلىدا ھەممە ئىشنىڭ نورماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2023-03-16
ئامېرىكا دائىرىلىرى 15-مارت چارشەنبە، سۈرگۈندىكى خىتاي سودىگەر گو ېنگۈينى «ئالدامچىلىق»، «قويمىچىلىق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان.
2023-03-15
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان رۇسىيەنى ئۇكرائىنالىق بالىلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلىمەكچى ئىكەن.
2023-03-15
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى يىغىنى مەزگىلىدە قىلغان سۆزلىرىدە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ «خىتاينى قىسماققا ئېلىپ تار يەرگە قىستاۋاتقانلىقىنى» ئەيىبلىگەن ۋە خىتاينى بۇ قىيىن ۋەزىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.
2023-03-15
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىيو 3-ئاينىڭ 14-كۈنى تىۋىتتېر يوللاپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىگە ئائىت يېڭى ئۇچۇرلار ئاساسىدا تەييارلىغان دوكلاتىنى پات ئارىدا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2023-03-15
«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئوممان دېڭىز قولتۇقىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن، بۇ ھەرىكەت خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
2023-03-15
ئەنگىلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ 15-مارت كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 2022-يىل دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتايدىن كېلىدىغان ئالىم-تەتقىقاتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تارىختا ئەڭ كۆپ قېتىم رەت قىلغان؛ 2016-يىل رەت قىلغان ئادەم 13، 2020-يىل رەت قىلغان ئادەم 128 بولغان بولسا، 2022-يىل رەت قىلغان ئادەم بىراقلا 1104 ئادەمگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە خىتايدىن كەلمەكچى بولغان 839 ئوقۇغۇچى، 265 تەتقىقاتچى ئالىم بار ئىكەن.