ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-12-21
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن كۇبا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ھەققىدىكى بىلدۈرۈشلەر مەيدانغا چىققاندىن كېيىن ئېچىلغان كۇبا پارلامېنتىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلغان كۇبا پرېزىدېنتى رائۇل كاسترو ئامېرىكا بىلەن بولغان دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇئۇرۇشقا رازى بولسىمۇ، ئەمما كۇبانىڭ ئۆز سىياسىي تۈزۈمىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
2014-12-21
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئەڭ زور پاختا بازىسى بولۇپ، پۈتۈن خىتاي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ يېرىمىدىن كوپ قىسىمى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېلىنىدۇ. بۇ، يىل پۈتۈن خىتاينىڭ پاختا مەھسۇلاتى ئۆتكەن يىلىدىكىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەن. ئەمما، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پاختا مەھسۇلاتى ئۆتكەن يىلىدىكىدىن ئاشقان.
2014-12-20
بۇ نۆۋەت سۆھبەت ساھىبى ھۈسەيىن تەجەللى خىتاي يۇرتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ھەققىدە تەسىراتلىرى، كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى ۋە ھېس - تۇيغۇلىرى شۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال تەسۋىرىنى سۇندى.
2014-12-20
باشقىلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا دالالەت قىلغۇچى شۇ ئىشنى قىلغۇچىغا ئوخشاش ئەجىرگە ئىگە بولىدۇ. - ھەدىس «تارىخى ئەمىنىيە» دە كەلتۈرۈلگەن نەقىل
2014-12-20
19 - دېكابىر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن رايوندا ئاتالمىش خەلق ئەسكەرلىرى قۇرۇش خىزمىتىنى تېزلىتىشنى تەكىتلىگەن.
2014-12-20
يېقىندا تۈرمىدىن چىققان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بىلەن خىتايدىن چىقىپ كېتىشىگە ياردەم تەلەپ قىلدى.
2014-12-20
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي پاراخوت سېتىپ بېرىش قارارىغا ئېتىراز بىلدۈردى.
2014-12-19
يېقىندا خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ھۆججەت چىقىرىپ، دىنىي پائالىيەتلەردە دۇئادىن كېيىن «ئامىن» دېيىشنى چەكلىگەن. خىتاي بۇ چەكلىمىسىنى تەشۋىق قىلىشتا قۇرئانى كەرىمدىكى 7 - سۈرە 55 - ئايەتنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئامىننى يۈكسەك توندا دېيىشنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ھەقتە بۈگۈن رادىئومىزغا پىكىر بايان قىلغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېتى مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىسلام ئەھكاملىرىغا پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە خىتاي تەرەپ ياللىۋالغان دىنىي زاتلارنىڭ تەشۋىقاتلىرى جەريانىدا مەزكۇر ئايەتنى سۈيئىتىمال قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ يەنە خىتاينىڭ بۇ چەكلىمىسىنى «ئېتىقادنىڭ كۈچىيىشىدىن قورقۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بوغۇش» دەپ ئىزاھلىدى.
2014-12-19
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل 9 - ئايدىن بۇيان خوتەن ناھىيەسىدىكى يېزا - كەنتلەردە دائىرىلەرنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئادەتلەرگە قارىتا مىسلىسىز دەرىجىدىكى كونتروللۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەن.
2014-12-19
گېرمانىيەدىكى «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» 27 - ماي كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، 2014 - يىل 1 - ئاپرىلدىن، خىتايدا بىر يىلغا سوزۇلغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان 23 - مايغىچە ئۇيغۇر رايونىدا ھەر خىل سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، رەسمىي قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ 480 دىن ئاشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
2014-12-19
يېقىندا ئاۋسترىيەنىڭ ۋىيېنا شەھىرىدە چاقىرىلغان «3 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاتوم قوراللىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان تەسىرى» ماۋزۇلۇق يىغىنغا 160 دۆلەتتىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، پائالىيەتچى ۋە سىياسىيونلار قاتناشقان بولۇپ، يىغىن ئاخىرىدا ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى، دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئاتوم قوراللىرىنى يوقىتىشقا ۋە چەكلەشكە چاقىردى. بۇرۇن مەزكۇر يىغىندا ئاتوم قوراللىرىنى قانداق قوغداش، ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى قانداق قىلىپ ئازايتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ۋىيېنادا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاتوم قوراللىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن بالايى - ئاپەتلىرى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2014-12-19
قىرغىزىستان پرىزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايىف سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئەرەب شېركەتلىرىنى قۇرۇلۇش پىلانلىنىۋاتقان خىتاي - قىرغىزىستان - تاجىكىستان - ئافغانىستان - ئىران تۆمۈر يولىغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغان ئىدى.
2014-12-19
قازاقىستاندا ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇۋاتقان كەسپىي ئارتىسلاردىن تاشقىرى يەنە، كۆپلىگەن سەنئەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋە يەككە ناخشىچى - ئۇسسۇلچىلارنىڭمۇ مەۋجۈت ئىكەنلىكى مەلۇمدۇر. ئۇلار بولۇپمۇ قازاقىستانلىق ۋە ئۇيغۇر دىيارى كومپوزىتورلىرىنىڭ ناخشىلىرىنى ئورۇنلاش بىلەن بىللە ئۆزلىرىمۇ كۆپلىگەن ناخشىلارنى، ئۇسسۇللارنى ئىجات قىلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا سازاۋەر بولماقتا.
2014-12-19
خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاۋ چياڭنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى سوت مەھكىمىلىرىنى تېررورلۇق ھۇجۇم، دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا چېتىشلىق دېلولارنى «قاتتىق ۋە تېز» بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى.
2014-12-19
خىتاي ھۆكۈمىتى روجىستىۋا بايرىمى ۋە يېڭى يىل ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.