ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-12-19
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مىللىي - دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى جۇ ۋېيچۈن، دالاي لامانىڭ دالاي لامالىققا ۋارىسلىق قىلىش ئەنئەنىسىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. تىبەت روھانىي داھىيسى 14 - دالاي لاما يېقىندا ئۆزىنىڭ ئاخىرقى دالاي لاما بولۇپ قالىدىغانلىقى، ئۆزىدىن كېيىن لاما دىنىدىكى ۋارىسلىق ئەنئەنىسىگە خاتىمە بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2014-12-19
جۈمە كۈنى، ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن MH370 ناملىق مالايشىيا ئايروپىلاندىكى خىتاي يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن 30 دەك كىشى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
2014-12-19
سېربىيە ھۆكۈمىتى خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ سېربىيە زىيارىتى مەزگىلىدە 11 نەپەر فالۇنگوڭچىنى تۇتقۇن قىلغان ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سېربىيە دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشتەك بۇ خىل «قانۇنسىزلىق» تىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2014-12-19
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2014-12-18
سىچۇەن ئۆلكىسىگە قاراشلىق بىر يېزىدىكى 200 دىن ئوشۇق ئامما بىرلىكتە يېزىلىق ھۆكۈمەتكە خەت يېزىپ، يېزىدىكى 8 ياشلىق ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىسى بالىنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر ۋەقە ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق تارقالغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
2014-12-18
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «ئىسلام جەمئىيىتى» يېقىندا بىر چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق دىنىي زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىسىنى دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.
2014-12-18
بۈگۈن، 18 - دېكابىر خەلقئارا كۆچمەنلەر ھوقۇقى كۈنى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2014 - يىلى ئىنسانلىق تارىخىدا كۆچمەنلەر سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدا ئۆز دۆلىتىدىن ئايرىلىپ باشقا بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان ۋە ئىشلەۋاتقان كۆچمەن سانى 232 مىليونغا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ كۆچمەنلەرگە قارىتىلىۋاتقان ئېكىسپىلاتاتسىيە ۋە كەمسىتىشمۇ كۈچەيگەن بىر يىل بولغان.
2014-12-18
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۈگۈن تېلىۋىزىيىدە قىلغان سۆزىدە، رۇسىيىنى ئىقتىسادىي كىرىزىستىن قۇتقۇزۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قانچە كۈندىن بۇيان رۇبلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى بىراقلا تۆۋەنلەپ، رۇسىيە ئىقتىسادىغا زور زىيان بولغان. بىراق ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە دۆلەت خەزىنىسىنىڭ بۇ باسقۇچتىن ئۆتكۈدەك كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشقان.
2014-12-18
ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ سىيەك يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارى يەن چىگاڭ، موتوسىكلىتتا يولدىشىنىڭ كەينىدە ئولتۇرۇپ كىتىۋاتقان بىر ھىجابلانغان ئايالنىڭ ئالدىنى توسقان؛ ئايالنىڭ يولدىشى سېكرىتارنىڭ توسۇشىغا قارىماي يولىنى داۋام قىلغان، سېكرىتار ئاپتوموبىلى بىلەن موتوسىكلىتقا مىنگىشىپ كېتىۋاتقان ئايالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغان. ھىجاپلانغان ئايال ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىدە سېكرىتار ئارقىسىدىن يېتىشىپ كېلىپ ئۇنىڭ بېشىدىكى لېچەككە قول ئۇزاتقان؛ دەل بۇ چاغدا ئايالنىڭ ئاكىسى ئابلىز ئوبۇلھەسەن ئۆيىدىن ئېتىلىپ چىقىپ سېكرىتارنىڭ يانپىشىغا بىرنى تەپكەن؛ سېكرىتار ئابلىز ئوبۇلھەسەننىڭ يېنىدا پالتىمۇ بارلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن قورققىنىدىن ھۇشىدىن كەتكەن. 15 مىنۇتنىڭ ئىچىدە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن خىتاي قوراللىق كۈچلىرى خىتاي سېكرىتارنى دوختۇرخانىغا، ئابلىز ئوبۇلھەسەن ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى بۈۋىنىياز ئوبۇلھەسەننى قاماقخانىغا ئېلىپ ماڭغان.
2014-12-18
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خوتەن ناھىيە لاڭرۇ يېزىلىق ھۆكۈمەت نۇسۇي كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق زاكىر ياسىن ئائىلىسىگە «مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈشكە ماسلىشىش ئۇقتۇرۇشى» چىقىرىپ، ئۇنىڭ 2 كۈن ئىچىدە يېزىلىق ساقچىخانىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى ئۇقتۇرغان.
2014-12-18
گېرمانىيەنى مەركەز قىلغان خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ، باشقىلارغا كۆچۈرۈشنى توختىتىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى ناھايىتى مۈشكۈل ۋە گۇمانلىق.
2014-12-18
2014 - يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپ بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارمۇ 2009 - يىلدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولدى.
2014-12-18
رادىئومىز نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارغا مەجبۇرىي ئۆگىتىلىۋاتقان «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» توغرىسىدا 15 - دېكابىر قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار يېزىسى 6 - كەنتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى مەمەتجان بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتە، 17 - دېكابىر يېزا بويىچە بىر تۇتاش ئۆتكۈزۈلىدىغان «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» مۇسابىقىسىگە 1300 نەپەر دېھقاننىڭ قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئېرىشكەن ئىدى.
2014-12-18
ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان تۈرك يازغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنساندەك ياشاشقا ھەقلىق ئىكەنلىكى، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقى، ئەمما خەلقئارا ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئەڭ زور قىيىنچىلىققا يولۇقۇۋاتقان، شۇنداقتىمۇ ئۈمىدسىزلەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان دەۋا ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.
2014-12-18
1979 - يىلى دېكابىر ئېيىنىڭ بېشىدا سابىق سوۋېت رەھبەرلىكى ئافغانىستانغا ھەربىي قوشۇنلىرىنى كىرگۈزۈش توغرىلىق قارار قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ باسقۇنچىلىق ھەرىكەت ئون يىلغا سوزۇلغان ئىدى.