ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-12-17
بىز خوتەن ناھىيە لاڭرۇ يېزىسىنىڭ يەرلىك كادىرلىرىنى «چەتئەلگە چىققۇچىلارنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى» توغرۇلۇق داۋاملىق زىيارەت قىلدۇق.
2014-12-17
ئىگىلىشىمىزچە، مۇھەممەتتوختى 2003-يىلى 7-ئايدا پاكىستان ئىستىغباراتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن تاكى يېرىم يىلغىچە ئۇنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇرى بولمىغان.
2014-12-17
20-ئەسىرنىڭ 60-80-يىللىرى ئارىسىدا مۇرات ھەمراھ، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىدا «مۇرات ھەمرايېف» دەپ تونۇلغان مەشھۇر ۋە تالانتلىق ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ نامى ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. مۇرات ھەمرايېفنىڭ نامى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىغىمۇ كەڭ تونۇلغان ئىدى.
2014-12-17
خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭنىڭ تايلاندقا ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتى مەتبۇئاتلاردا ئورۇن ئالغاندىن كېيىن تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا.
2014-12-17
فىرانسىيەلىك مۇخبىر، يازغۇچى ۋە فوتو سۈرەتچى شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي مىللەتلىرى تەتقىقاتچىسى سيلۋە لاسسەررە يۇسازاى ئۆز تەتقىقاتىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىشقا ئاجراتتى.
2014-12-17
فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا فىرانسىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە ئائىت «يېڭى ئۇنىۋېرسال» ناملىق ژۇرنال نەشر قىلىنغان.
2014-12-17
يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر يۈرۈش پائالىيەتلىرىگە ئەگىشىپ تۈركىيەدىكى ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن، رەسىم كۆرگەزمىسى دېگەنگە ئوخشاش پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلماقتا.
2014-12-17
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى چارشەنبە كۈنى بېلەت تاشلاپ، پەلەستىننىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىك ئورنىنى پرىنسىپ جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى قارار قىلغان.
2014-12-17
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 16-دېكابىر يەنە بىر تىبەتلىك ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن.
2014-12-17
بىر ھايۋانات ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى 17-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى ئىت تېرىسىنى ئىشلىتىش خاھىشىنى ئەيىبلىگەن.
2014-12-17
ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ 15-دېكابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەر-ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2014-12-17
ئاشكارىلىنىشىچە، كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدا يەرلىك دائىرىلەر كىشىلەرنى سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنىغا دەۋەت قىلىۋاتقىنىدا مەلۇم بىر كىشى ئۆزىنىڭ بىمارلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، يىغىنغا بېرىشنى رەت قىلغان.
2014-12-16
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىرقانچە كۈندىن بېرى كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدا بىر ئايال تۇتقۇننىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالماقتا.
2014-12-16
يېقىنقى كۆزىتىشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەدىمىي يەر-جاي ناملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئەسلى ئاتىلىشى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلدىن قېلىپ، ئومۇميۈزلۈك خىتايچىلاشتۇرۇلۇش خاھىشىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلىنمەكتە.
2014-12-16
20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا 10 يىل مەۋجۇت بولغان، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پروفېسسور غوجاخمەت سادۋاقوسوپ رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.