ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-12-30
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - 40 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي ھاياتىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوينىغان رولىنىڭ نەقەدەر زور ئىكەنلىكى سىر ئەمەس.
2014-12-30
تۈركىيە سىتار گېزىتىنىڭ 29 - دېكابىر سانىدا «گۇناھسىز ۋە مەزلۇم ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنى سىتار گېزىتىنىڭ ئوبزۇرچىسى سېۋىل نۇرىيېۋا خانىم يازغان بولۇپ، ماقالىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالى توغرىسىدا توختالغان.
2014-12-30
شىۋېتسىيە «ئۇيغۇرىستان مەشرىپى» دىكى ياشلار تۇركىيەگە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كېلىپ يەرلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قىينچىلىقتا قالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەر ئايلىق مەشرىپىدە ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن يىغىلغان پۇللىرىغا مەشرەپتىكى بالىلارنى ۋە ئەتراپتىدىكى ئۇيغۇرلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى.
2014-12-30
«دېموكراتىك خىتاي» تورىدا لياۋ تيەنچى خانىمنىڭ «بىر مىللىي قەھرىمان دۇنياغا كەلدى» ناملىق ماقالىسى ئىلان قىلىندى.
2014-12-30
قازاقىستاندا كۆپلىگەن تالانتلىق ئۇيغۇر ناخشىچىلىرى، مۇقامچىلىرى يېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار باشقا مەملىكەتلەردىمۇ كەڭ تونۇلغان ئىدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى نۇرئالىم ۋارىسوفتۇر.
2014-12-30
ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ، مەھبۇسلار بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ تۆۋەن ھوقۇق - ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۈرمىگە كېلىپ يوقلاش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنىشى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى نارازى قىلدى.
2014-12-30
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ پارتكومدىكى ۋەزىپىلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ھەيئەت باشلىقى شۆھرەت زاكىر ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىدى.
2014-12-30
يېقىندا كورلىدا 60 توننا ساختا تۇز ئاشكارىلاندى. خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە 19 - دېكابىر كۈنى كورلىنىڭ لەنگەر يېزىسىدىن تېپىلغان 60 توننا ساختا تۇزنىڭ 1996 - يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاشكارىلانغان ئەڭ كۆپ مىقتاردىكى ساختا تۇز ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. مەلۇم بولۇشىچە، 60 توننا ساختا تۇز ئەسلى سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان تۇز بولسىمۇ، ئەمما بۇ تۇز قاچىلانغان خالتىلارغا «يىمەكلىك تۇزى» دېگەن خەتلەر بېسىلغان. مەھسۇلات ئىگىسى قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلغان. خىتاي خەۋەرلىرىدە ساختا تۇزنى ئىشىلىگەن شىركەت ۋە خوجايىنننىڭ كىملىكى تىلغا ئېلىنمىدى.
2014-12-30
بېيجىڭدىكى چەتئەل مۇخبىرلار كۇلۇبى FCCC دۈشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2014 - يىلى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتى ئەڭ يامانلاشقان بىر يىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
2014-12-30
خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ 30 - دېكابىردىكى خەۋەرلىرىدە، 28 - دېكابىر تۇيۇقسىز غايىپ بولغان ھىندونېزىيەنىڭ «ئاسىيا ھاۋا يولى - 8501» ناملىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قالدۇق پارچىلىرى ۋە بىر قىسىم جەسەتلەر ھىندونېزىيە ئەتراپىدىكى دېڭىزدىن تېپىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئايروپىلاننىڭ قازاغا يولۇقۇش سەۋەبى ھەققىدە باشقا ئۇچۇر بېرىلمىدى.
2014-12-29
8-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغافۇر مۆمىن ئەپەندى ۋە جەمئىيەت كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستان ئەپەندىلەرنىڭ تەبرىك سۆزلىرى بىلەن تەنتەنىلىك باشلانغان.
2014-12-29
ئۆتكەن ھەپتىلەردە پەيزىۋاتتا ئۇيغۇرلارنى كىچىك ئالما ئۇسۇلى ئويناتقان خىتاي دائىرىلىرى پىچاننىڭ لۈكچۈن يېزىسىدا كىشىلەرنى ئىزچىل ھالدا كىنو ۋە كونسېرت كۆرۈشكە تەشكىللىگەن، پەيزىۋات ناھىيىسىدە يەنە دېھقانلارنى 50 مىڭ كىشىلىك ساماغا سالغان.
2014-12-29
23-دېكابىر كۈنى موسكۋادا رۇسىيە، قازاقىستان، بېلارۇسىيەدىن تەركىب تاپقان ئۈچ دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى رايون خاراكتېرلىك تەشكىلات «ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى»نىڭ يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
2014-12-29
تۈركىيەدە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قۇتۇلدۇرۇپ تۈركىيەگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىن، مۇراسىم، ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە نامايىش قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەتلەر داۋام قىلىۋاتىدۇ.
2014-12-29
29-دېكابىر كۈنى، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى ھەققىدە تايلاندنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.