ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-12-29
«ئۇيغۇر دۆلىتىگە ساياھەت» ناملىق ئەسىرى بىلەن تونۇلغان ژۇرنالىست، يازغۇچى سيلۋىې خانىم يېقىندا فىرانسىيە سۋىس رادىئو-تېلېۋىزىيە قانىلى ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارا ۋەزىيەتلەر پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.
2014-12-29
مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ئىلى كېچياڭ قازاقىستاندا پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف ۋە ھۆكۈمەت رەھبىرى كەرىم مەسىموفلار بىلەن مۇزاكىرە يۈرگۈزۈپ، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالىغان ئىدى.
2014-12-29
تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تەقدىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان جىددىي تېمىسىغا ئايلانماقتا.
2014-12-29
«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ ئەزەربەيجاندا تۇرۇشلۇق 10 دەك مۇخبىرى ۋە خادىملىرى تۇتقۇن قىلىنغان.
2014-12-29
ھىندونېزىيەنىڭ «ئاسىيا ھاۋا يولى-8501» ناملىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۆتكەن شەنبە شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 23 يېرىمدا تۇيۇقسىز غايىب بولغان.
2014-12-29
«ئۈرۈمچى ئۇچۇرى» ناملىق ئۈندىدار گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابدۇراخمان تۇرغۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى يېقىندا «تەرجىمان» ناملىق كۆپ تىللىق ئاپتوماتىك تەرجىمە سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناقتىن ئۆتكۈزگەن.
2014-12-29
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ماركسىزم ئىدېئولوگىيەسىنى كۈچەيتىپ، غەرب ئىدىيەلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلىگەن.
2014-12-28
19 - 20 - ئەسىرلەردە دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر ئۇيغۇر دىيارىغا كۆڭۈل بۆلگەن. بۇ دۆلەتلەر چار رۇسىيە، مانجۇ ئىمپېريەسى، ئەڭىلىيە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسىيەنىڭ تەسىرى ناھايىتى زور بولغان. تۈركىيە خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە، چار رۇسىيە خىتاينىڭ بۇ زېمىننى ئىگىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. ھەتتا خىتايغا قورال - ياراق ياردەم قىلدى ئۇ، سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا رۇس ئارخىپلىرىنىڭ 19 - 20 - ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئىكەنلىكى، ۋە بۇندىن كېيىنكى تەتقىقات ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. تۆۋەندە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىتىمىز.
2014-12-28
ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي سايلام كومىتېتى 2015 - يىلى 29 - مارت كۈنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
2014-12-28
بىرمانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ماندالاي شەھىرىدىكى 500 دىن ئارتۇق ئادەم شەنبە كۈنى شۇ يەردىكى خىتاي كونسۇلخانىسى يېنىغا توپلىنىپ، خىتاي بىلەن بىرما بىرلىشىپ ئاچقان مىس كانىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان. نامايىشچلار بۇ كاننىڭ مۇھىتنى بۇزغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋالغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.
2014-12-28
جۈمە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ يېڭى ھەربىي تەلىماتىنى تەستىقلىغان بولۇپ، رۇسىيە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇشبۇ ھۆججەتتە رۇسىيە ئۈچۈن ئەڭ ئاساسىي ھەربىي خەۋپلەر سۈپىتىدە ناتو قۇدرىتىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى ۋە ئايرىم رايونلاردىكى مۇقىمسسىزلىقلار قەيت قىلىنغان.
2014-12-28
يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى كابۇلدىكى ھەربىي شىتابىدا ئافغانىستاندىكى 13 يىللىق ھەربىي ھەرىكەتنى رەسمىي ئارىلاشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
2014-12-26
2014 - يىلى 28 - ئىيۇل «يەكەن ئىسيانى»دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەر خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىم ۋەزىيەت بەرپا قىلىشقا تىرىشتى.
2014-12-26
خىتاينىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومى تارقاتقان «30نېمە ئۈچۈن ؟» ناملىق ئاممىۋى قوللانما، خىتاي ھازىرغا قەدەر تارقاتقان تەشۋىقات ماتېرىياللىرى ئىچىدە ئىپادىلەش شەكلى جەھەتتىن ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدا باشتىن ئاخىر قۇرئان ۋە ھەدىستىن نەقىللەر ئېلىنغان.
2014-12-26
تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئاخشام بەرگەن كاتتا زىياپەتكە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشتى. ئەردوغان تۈركىيە خەلق ئىرادىسى مۇنبىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 173 چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرىغا يېڭى سېلىنغان ئوردىسىنىڭ زىياپەت زالىدا زىياپەت بەردى. مەزكۇر زىياپەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتى باشلىقى ئالىمجان بوغدا ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشتى. مۇخبىرلارغا يېپىق ئۆتكۈزۈلگەن بۇ زىياپەتكە تۈركىيە سىياسىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىدىن بولۇپ، 250 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.