ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-01-02
بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2013-يىلىدىكى دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئومۇمىي باھاسىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىمۇ ئوخشاشلا ناچار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
2014-01-02
گۇاڭشىنىڭ گۇيلىن شەھىرىدە ئۇيغۇر يايمىچىلار بىلەن بازار باشقۇرۇش خادىملىرى ئارىسىدا يەنە توقۇنۇش كېلىپ چىققان. ۋەقە بىرىنچى يانۋار كۈنى يۈز بەرگەن.
2014-01-01
تىنچلىق، ئەركىنلىك ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىلەن بىرگە زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىمەكتە.
2014-01-01
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان رۇسىيەنىڭ 19-ئەسىردىكى ياقۇپ بەگكە ۋە ئىلى سۇلتانلىقىغا قاراتقان سىياسىتى، ياقۇپ بەگنىڭ ئېلىپ بارغان تاشقى سىياسىتى، جۈملىدىن ئۇنىڭ چار رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى رۇس ئالىملىرى تەرىپىدىن قايتىدىن تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى.
2014-01-01
2014-يىلى 1-يانۋار يېڭى يىل كۈنى، تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەنىڭ مەركىزى قىزىلئاي رايونىدا، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلغان كروران تىل تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
2014-01-01
2013-يىلىنىڭ ئاخىرقى بىر ئېيىدا يۈز بەرگەن 15-دېكابىر سايباغ ۋەقەسى ۋە 30-دېكابىر يەكەن ۋەقەسى دۇنياغا ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن كۆپلىگەن قانلىق توقۇنۇشلارنى ئەسلەتتى.
2014-01-01
چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا خىتايدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيىسىدە 30-دېكابىر ئەتىگەن سائەت ئالتە يېرىمدا 9 نەپەر كىشىنىڭ ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر بولغان.
2014-01-01
2013-يىلى 28-دېكابىر شەنبە كۈنى، تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا، «خىتاي، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئى تىركىشىش ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى.
2014-01-01
قازاقىستاندىكى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مىللىي سەنئەت ئۆمەكلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە.
2014-01-01
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2013-يىلى 23-دېكابىر سانىدا، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئەدەبىياتى ئوقۇتقۇچىسى فېرى لىنك تەرىپىدىن يېزىلغان «خىتاي يولسىزلىقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.
2014-01-01
بېيجىڭدىكى كانادا ئەلچىخانىسى بۇ يىللىق يېڭى يىل تەبرىكنامىسىنى خىتايچە بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرچىمۇ ئېلان قىلدى. تەبرىكنامىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا ئەلچىخانىسى جۇڭگودىكى بارلىق بلوگ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ 2014-يىلىنىڭ خۇشال-خۇرام، ئاسايىشلىق ۋە بەرىكەتلىك بولۇشىنى تىلەيدۇ.»
2014-01-01
مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن نۆۋەتتە تۈرمىلەردە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا تەبرىك يوللىدى.
2014-01-01
ئالدىنقى كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ياپونىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 9-ماددىسىنىڭ 2020-يىلدىن ئاۋۋال ئىسلاھ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
2014-01-01
تۈنۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار يېڭى يىل كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتنىڭ بېشىدا 2013-يىل ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ شېھىتلار ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.