ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-12-26
ئامېرىكا جۈمە كۈنى پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدىكى ئىسلامچى قوراللىق كۈچلەرگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، ھۇجۇمدا 30 دەك قوراللىق كۈچنى ئۆلتۈرگەن. ھاۋا ھۇجۇمى تالىبان ۋە ئۆزبېك قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن جايدىكى بازىسىنى نىشان قىلغان.
2014-12-26
تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 300 ئۇيغۇرنى تۈركىيىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلىتىلغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتى تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە رايونلىرىدا داۋام قىلىۋاتىدۇ.
2014-12-26
شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى «رابىت ئەل ئىسلام» نىڭ ھەر يىلى دېكابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ 34-نۆۋەتلىك يىغىنى 25-دېكابىر كۈنى سىتوكھولمنىڭ ئوسا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يىغىن زالىدا رەسمىي باشلاندى.
2014-12-26
ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى پەقەت ئۇكرائىنلىقلارنىلا ئەمەس، بەلكى باشقا خەلىقلەرنىڭ، جۈملىدىن قازاقىستانلىقلارنىڭمۇ دىققەت مەركىزىدە بولۇۋاتقىنى مەلۇم. بولۇپمۇ دۆلەت دەرىجىسىدە رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئوخشاش ئىككى سابىق قېرىنداش سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ياۋروپا ۋە پۈتكۈل دۇنيا ۋەزىيىتىگە قاتتىق تەسىر قىلماقتا. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىن ھەر كىم ئۆزىچە ساۋاق ئالماقتا.
2014-12-26
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2014-12-26
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ تىبەتلەر ئولتۇرۇشلۇق غەربىي سىچۈەن رايونىدا ساقچىلار بىلەن تىبەتلىك نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ساقچىلار تىبەت نامايىشچىلىرىغا ئوق چىقىرىپ بىر كىشىنى يارىلاندۇرغان.
2014-12-26
بۇ يىل 9-دېكابىر تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىچكى موڭغۇللۇق سىياسىي ئۆكتىچى خادا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈستىدىن ئۆزىنى قانۇنسىز نەزەربەند قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خادا 1992-يىلى «جەنۇبىي موڭغۇلىيە دېموكراتىك ئىتتىپاقى» ناملىق پارتىيە قۇرۇپ، موڭغۇللارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان.
2014-12-26
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت يېقىندا 3 دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىگە تېلېفون-تېلېۋىزور يىغىنى چاقىرىپ، كېلەر يىلى ئاساسلىق نىشاننى داۋاملىق «دىنىي ئاشقۇنلۇق»، «تېررورلۇق» نى باستۇرۇشقا قارىتىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
2014-12-26
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي روجىستىۋا بايرىمىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو، ئايالى ليۇ شيا، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ۋە باشقا سىياسىي تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
2014-12-26
26-دېكابىر كۈنى، تېز سۈرئەتلىك ئوقسىمان يولۇچىلار پويىزى لەنجۇ-ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدا قاتناشقا باشلىدى. شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا، تېز سۈرئەتلىك بىر يولۇچىلار پويىزى ئۈرۈمچىدىن لەنجۇغا قاراپ يولغا چىققان. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر تېز سۈرئەتلىك پويىز لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭغان.
2014-12-25
گۇاڭشىنىڭ ۋىيېتنام چېگراسىدىكى پىڭشياڭ بازىرىدا تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئۇيغۇر، ئۇلارنىڭ 17-18 نەپىرى ئايال ۋە بالىلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. خىتاي ئاخباراتى ۋىيېتنامغا ماڭغان 22 «دىنىي رادىكال» غا پىستىرما قويۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
2014-12-25
خىتاي مەتبۇئاتلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى ۋىيېتنامغا قانۇنسىز ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان 22 نەپەر دىنىي رادىكال ئۇنسۇرنى تۇتقانلىقىنى ۋە بۇلاردىن قارشىلىق كۆرسەتكەن بىرىنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
2014-12-25
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى پاكىستاندا تۇتقۇن قىلىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن مۇھەممەتتوختى مۇھەممەتروزىدىن بۇ يىل ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىلانغان.
2014-12-25
گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن «Süddeutsche Zeitung» ۋە ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ژۇرنىلىدىن Geselschaft für«Geselschaft für Bedrohte Völker» لاردا كوزۇپلۇق ھارۋا ئارقىلىق خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى توغرىسىدا ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان.
2014-12-25
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايىف 2015-يىلى 9-مايدا، يەنى «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش» كۈنىدە قىرغىزىستاننىڭ ياۋرۇ-ئاسىيا ئىقتىسادى بىرلىكىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ئەزاسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.