ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-12-25
يېقىنقى كۈنلەردىكى تور بەت خەۋەرلىرىدە خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئېكسپورتىدا ئۇدا 6 ئاي چېكىنىش كۆرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئېكسپورت ۋەزنىدىن قارىغاندا، خىتايدىكى ئېكسپورت كارخانىلىرىدىن 40% ئى تاقىلىپ قالغان.
2014-12-25
ياپونىيەدە تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان مەجمۇئەلەردىن «ياپونىيە ئىقتىساد» ژۇرنىلىنىڭ 12-سانىدا دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
2014-12-25
تونۇلغان موڭغۇل ئۆكتىچى خادا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈسىتىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خادا خىتاينىڭ ئۆزىنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشى ۋە قېيىن-قىستاققا ئېلىپ مېيىپ قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئۈستىدىن ئەرز سۇنىدىكەن.
2014-12-25
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ چارشەنبە كۈنى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شاۋبونىڭ تۈرمىگە ئېلىنغانلىقىغا 5 يىل تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ تۈرمىدىن دەرھال قويۇۋېتىلىشىنى ۋە ئايالى ليۇ شانى ئۆي ھەپسىگە ئېلىشنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
2014-12-25
خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى 12 نامايىشچىنى تۇتقۇن قىلغان.
2014-12-25
يېقىندا خىتايدىكى تور بەتلەردە خىتايدىكى ھەردەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلاردىن 40 نەچچە نەپىرىنىڭ پارىخورلۇق سەۋەبىدىن ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان. بىراق، بۈگۈن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى ياڭ يۈجۈن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ 40 نەچچە نەپەر ھەربىي ئەمەلدارغا ئادەتتىكى مەمۇرىي تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئەھۋالنىڭ توردا دېيىلگەندەك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
2014-12-25
«يەرشارى ۋە مەكتۇپلار» ناملىق گېزىتنىڭ مۇخبىرى ناتان ۋەندېركلىپنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋەر ماقالىسى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. مەزكۇر مۇكاپات خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ھەر يىلى بىر قېتىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى تېما قىلىنغان نادىر ماقالىلەرگە بېرىلىدىكەن.
2014-12-24
يېقىندا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى بىرلىكتە «يېڭى شارائىتتا مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئۆزگەرتىش ھەققىدە پىكىر» ناملىق ھۆججەت چىقارغان.
2014-12-24
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 9-ئايدا كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. بۇ ئون يىل مابەينىدە دۇنيادىكى 120 دىن ئارتۇق دۆلەتتە كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى قۇرۇلۇپ، سان جەھەتتىن كۆپەيگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا بولغان ئىجابىي كۆز قاراش بارغانسېرى ئازايماقتا.
2014-12-24
خىتاينىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومى يېقىندا «ئوتتۇز نېمە ئۈچۈن» ناملىق قوللانما تارقىتىپ خوتەندە نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان دىنىي بەلگىلىمىلەرنىڭ سەۋەبلىرىگە ئىزاھات بەرگەن.
2014-12-24
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەك ئەنقەرەدە ئۈلكۈ ئۇچاقلىرى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتى رەئىسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى بىلەن ئىشخانىسىدا ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.
2014-12-24
23-دېكابىر كۈنى موسكۋادا قىرغىزىستان ھەم ئەرمېنىيە دۆلەتلىرىنى رۇسىيە باشچىلىقىدىكى تاموژنا-باج ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىش كېلىشىمىگە قول قويۇش ھەمدە بۇ ئىتتىپاققا ياۋرۇ-ئاسىيا ئىقتىسادى بىرلىكى دەپ نام بېرىش مۇراسىمى بولدى.
2014-12-24
قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دائىم تالانتلىق ئەدىبلىرى بىلەن تونۇلۇپ كەلگەنلىكى كۆپچىلىككە ياخشى مەلۇم. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن ئالەمگە تونۇلغان ۋەكىللىرىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئەنە شۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېلىۋاتقان ياش ئىجادكارلار يوق ئەمەس.
2014-12-24
«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» خىتايدىكى ئەڭ باي شەھەرلەرنىڭ بىرى-قارىمايدا مىللىي زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خەۋەرنى مەزكۇر گېزىتىنىڭ ھازىر قارامايدىكى مۇخبىرى جونا كېسسىل يوللىغان.
2014-12-24
1989-يىلىدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئۆركەش دۆلەت، خىتاي ۋە تەيۋەن ھۆكۈمەتلىرىنىڭ «بىر جۇڭگو سىياسىتى» نى قاتتىق تەنقىد قىلغان.