ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-12-24
خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى گۇاڭشىنىڭ ۋىيېتنام چېگراسىدىكى پىڭشياڭ بازىرىدا 22 ئۇيغۇر يولۇچىنى توسۇپ، ئۇلاردىن بىر كىشىنى ئېتىۋەتكەن،
2014-12-24
خىتاي ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيە تور سىستېمىسىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا قاتناشقانلىقىنى رەت قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، جۇڭگو ھەرقانداق تور ھۇجۇمىغا قارشى تۇرىدۇ، دېگەن.
2014-12-24
خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى تايلاند بىلەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق تايلاند ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تۇتۇپ تۇرغان مەزگىلدە بۇنداق بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشى دىققەت قوزغىدى.
2014-12-23
بىر قىسىم كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۆز كەنتىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدىكى بايانلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئال يۈزىنى بىلىشتە بىرىنچى قول ئۇچۇرلارنى بەرمەكتە.
2014-12-23
22-دېكابىردا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى ئەخمەتجان قاسىمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان تەنتەنىلىك پائالىيەت بولۇپ ئۆتتى.
2014-12-23
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قارىتا چەكلىمىلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ۋە تېخىمۇ يالىڭاچ شەكىلدە ئىجرا قىلماقتا.
2014-12-23
تايلاندتا 6 يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 400 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ بىرى بولغان ئابدۇللاھ ئابدۇۋېلى بۈگۈن كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي تايلاندتىكى بىر دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
2014-12-23
22-دېكابىر كۈنى شىۋېتسىيە بىناكارلىق ۋە شەھەر تەرەققىيات مىنىستىرى مەھمەت قاپلان شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.
2014-12-23
يېقىندا قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدىكى بىر توپ ئۇيغۇر ياش مەدەنىيەت پائالىيەتچىلىرى ۋە ئاكتىپلىرى مەشھۇر ئۇيغۇر ناخشىچىسى ۋە كومپوزىتورى مۇرات ناسىروفنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى ئەسلىدى.
2014-12-23
موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن بۇيانقى ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم سىياسىي بېسىملار ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
2014-12-23
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2015-يىل يېڭى يىل ھارپىسىدا مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ، «ئاز سانلىق مىللەتلەرگە باغلىنىشلىق جىنايى ئىشلارنى مىللىي مەسىلىگە باغلىماسلىق» نى تەلەپ قىلدى.
2014-12-23
تايلاندتا چىقىدىغان «بانكوك پوچتىسى» گېزىتى 23-دېكابىر خەۋەر بېرىپ، تايلاند لاگېرىدىكى 3 ياشتىن ئاشقان بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
2014-12-23
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 2015-يىلىدا ئىنتېرنېت - ئۇچۇر سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تور ساقچىلىرى ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2014-12-23
-دېكابىر خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى تىبەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا يەنە بىر تىبەتلىك ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
2014-12-23
-دېكابىر خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنېتىنىڭ «چەتئەللەردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەققىدىكى باشقۇرۇش قانۇن لايىھىسى» خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلغان.