ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-12-22
كېرىيە ناھىيىسىنىڭ سىيەك يېزىسىدا يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە ئاز دېگەندە مىڭغا يېقىن ئايالنىڭ بېشىدىكى لېچەك مەجبۇرىي ئېلىۋېتىلگەن، بۇ جەرياندا مەجبۇرلانغان ئايال ۋە ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ۋە خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم جىدەل - ماجىرا ۋە توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن. ماجىرالاردىن بىرىدە سابىق دۆلەت خىزمەتچىسى زۆھرەگۈل مەمتىمىن بېشىدىكى لېچەككە قول ئۇزاتقان يېزا باشلىقى مەمەتجاننى تىللىغان. زۈھرەگۈلنىڭ بۇ قىلمىشى ئۈچۈن، بۇ يىل 7 - ئايدا سىيەك يېزىسىدا سوت ئېچىلىپ ئۇنىڭغا قاماق جازاسى بېرىلگەن؛ سوتقا ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى قاتناشتۇرلمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، دەسلەپتە كېرىيە، ئۇنىڭدىن كېيىن نىيە قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان زۆھرەگۈل مەمتىمىن نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى بىر ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.
2014-12-22
ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى ئېلان قىلغان تۈرمىدىكى ژۇرنالىست ۋە مىكرو بلوگچىلار تىزىملىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تۈرمىسىدىكى كەسپىي ژۇرنالست ۋە ئەركىن مىكرو بلوگچىنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان. تۈرمىدىكى 44 نەپەر ژۇرنالىست ۋە بلوگچىنىڭ 16 نەپىرى ئۇيغۇر، 4 نەپىرى تىبەت بولۇپ، قالغانلىرىنى خىتايلار ئىگىلىگەن.
2014-12-22
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل - يىلى 23 - ماي باشلانغان ئاتالمىش«بىر يىللىق تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم - تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلدى. بولۇپمۇ 6 - ئايدا تۇتقۇن قىلىش ئەڭ شىددەتلىك بولدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھىيە، ۋىلايەتلەردە ئېچىلغان نەچچە مىڭ ئادەم قاتناشقان ئاتالمىش «ئوچۇق سوت» تا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئادۋوكاتسىز سوتلىنىپ، ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلىندى. يىغىنغا قاتناشقان ئامما ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلاندى. دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «خىتاينىڭ ئۆزى تۈزگەن قانۇنىغىمۇ خىلاپ قىلمىشى، خىتاينىڭ 60 - 70 - يىللىرىدىكى كۈرەش يىغىنلىرىنىڭ قايتا نامايەن بولۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشى» دەپ تەنقىدلەندى.
2014-12-22
ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھەر ئائىلىدە ساقچىغا كىرىپ چىقمىغان كىشى يوق دېيەرلىك ئىكەن. ئۇنداقتا بۇ كىشىلەر نېمە جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇپ كېتىلمەكتە؟ يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن قانۇنچى مەمەت ئوغۇز ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى ئۇيغۇرلارنى توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش جىنايىتى، ئۆكتەملىك قىلىپ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەپ تۇتۇپ كېتىپ 3 يىلدىن 12 يىلغىچە قاماق جازاسىغا بۇيرۇۋاتقان ئىكەن. ئۇنداقتا، قايسى جازالار بۇ كاتېگورىيىگە كىرىدۇ؟ بۇلار خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا چۈشەمدۇ؟
2014-12-22
2014 - يىلى 15 - دېكابىر دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ توپقاپى رايونىغا جايلاشقان ئىستانبۇل يېڭى ئەسىر ئۇنىۋېرىستېتىدا «قانىغان يارىمىز - شەرقىي تۈركسىتاننىڭ يېنىدا بىز» ناملىق يىغىن ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچلدى.
2014-12-22
سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەڭچىسى، خەلق سەنئەتكارى، ئۇستاز سازەندە مۇساجان روزى ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىن كەلگەن تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تەكشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2014-12-22
20 - دېكابىردا ئالماتادىكى ئۇيغۇر تىياتىرى بېناسىدا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ 80 يىللىقىغا بېغىشلانغان تەنتەنىلىك كېچىلىك پائالىيەت بولۇپ ئۆتتى.
2014-12-22
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مىڭپاۋ» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدا قۇش زۇكامىغا گىرىپتار بولغان يەنە 7 كىشىنىڭ بايقالغانلىقى مەلۇم.
2014-12-22
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 20 - دېكابىر كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرى ئىككى كىشىنى «ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پىتنە - ئىغۋا تارقاتتى» دېگەن سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلغان.
2014-12-22
يېقىندا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئارقا - ئارقىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتور قۇربانجان سەمەت يازغان «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابنىڭ خىتايدا ئەڭ بازار تاپقان 10 كىتابنىڭ بىرى بولغانلىقىنى داۋراڭ سالماقتا.
2014-12-22
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات بۆلۈملىرى بىرلىكتە پىلانلىغان «بايانداي» ناملىق فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن.
2014-12-22
يېقىندا خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم بېسىپ تارقاتقان بىر قوللانمىدا مۇسۇلمانلارنىڭ يوقىرى ئاۋازدا «ئامىن» دەپ دۇئا قىلماسلىقى ھەمدە «ھەممە نەرسىگە ھالال ياكى ھارام دەپ چەكلىمە» قويماسلىقى بەلگىلەنگەن.
2014-12-21
1997 - يىلى غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دۆلەت رەئىسى جىياڭ زېمىن، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى لى پېڭ قاتارلىق رەھبەرلەر ئارقا - ئارقىدىن تۈركىيەنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەسئۇت يىلماز باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بىرلەشمە ھۆكۈمەت 1998 - يىلى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى 36 - نومۇرلۇق مەخپىي ھۆججەتنى چىقىرىپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن ئىدى.
2014-12-21
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ ئىمبارگودىن قورقمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى شۇنىڭدەك قىرىم «ۋەتەنپەرۋەرلىرى»نى داۋاملىق قوللاشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2014-12-21
رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئىمبارگوسىغا ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان ھەم رۇسىيە پۇل - مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادىدا جىددىي قىيىنچىلىقلار كۆرۈلۈۋاتقان بۇ كۈنلەردە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئەگەر رۇسىيە لازىم كۆرسە، خىتاي ئۆزىنىڭ بار ئىمكانىيەتلىرى دائىرىسىدە رۇسىيەگە كېرەكلىك ياردەملەرنى بېرىدۇ، دەپ بىلدۈردى.