ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-01-31
ئىلھام توختى ئەپەندى ئىلگىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ۋە دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىپ قارىلىنىش، ئۆزىدە يوق جىنايەتلەر ئارتىلىش؛ ھەتتا يامان غەرەزلىك كىشىلەر تەرىپىدىن قەست قىلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن ئىدى.
2014-01-31
«تۈركىي تىللار دىۋانى» ( «دىۋان لۇغەت تۈرك» ) نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ يېڭى نەشرى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ يوقىرى باھاسىغا ئېرىشمەكتە.
2014-01-31
خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى سىياسىي، مىللىي مەسىلىلەر، ئەمەلدارلارنىڭ مال مۈلكى، نارازىلىق ۋەقەلىرىنى خەۋەر قىلغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنى ئىزچىل تەقىپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يېقىندىن بۇيان بۇ جەھەتتىكى تەقىپنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بەزى مۇخبىرلارغا ۋىزا چەكلمىسى قويغان.
2014-01-31
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان مىللىي ئىرادە مۇنبىرى يىغىنىدا، ئۇيغۇر ۋەكىللەر تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئەلا بىلەن ئۇچراشتى ۋە سۆھبەتلەشتى.
2014-01-31
يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيىدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە. تۈركىيىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى ۋە ئەدەبىياتى توغرىسىدا كۆپلەپ ئەسەرلەر نەشر قىلىنماقتا.
2014-01-31
قىرغىزىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان چېگرىسىدا 11 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ قىرغىزىستان چېگرا ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن چەتئەل مەتبۇاتلىرى بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇلاھىزە قىلىپ تۈرلۈك قاراشلاردىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى.
2014-01-31
خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپېرانتى پەرھات خالمۇراتنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان.
2014-01-31
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى جىنپىڭ خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ھارپىسى، يەنى 28-يانۋار «شىنجاڭ خىزمىتى» گە ئالاقىدار يەنە بىر مۇھىم قارارغا تەستىق سالغان. بىراق خىتاي ئاخباراتى شى جىنپىڭ تەستىقلىغان بۇ مۇھىم قارارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.
2014-01-31
خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى 30-يانۋار ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شامالباغ رايونىدىكى مەلۇم بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن 11 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتۇپ كەتكەن.
2014-01-31
31-يانۋار يەنى چاغاننىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىكى ئەرزدارلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى ماجيالو يىغىۋېلىش ئورنىدىن تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمىنى بۇزۇپ كولىتىپ قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
2014-01-31
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2014-01-30
17-يانۋار «سەنيۇي» ناملىق تور بېكىتى ئۇيۇشتۇرغان ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىققا ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى بۈگۈن 14-كۈنىگە قەدەم قويدى. رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 30-يانۋار كۈنىگىچە ئىمزا قويغانلار سانى 1700 دىن ئاشقان.
2014-01-30
ئۈرۈمچىدىكى ئىجارە ئۆيىدە تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوبۇلھەسەن ئابدۇكېرىم ھەققانىي يېشىمگە ئېرىشمىگىچە ئۆزىنىڭ ھەرگىزمۇ ئەرز-دەۋادىن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2014-01-30
خىتاي ئاخباراتى توقسۇدا يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق 17 پىدائىيدىن ئىككى نەپىرىنىڭ ئايال ۋە گۇرۇپپا يېتەكچىسىنىڭ ئىسمىنىڭ ئىبراھىم قاھار ئىكەنلىكىدىن باشقا، كىملىك مەلۇماتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ئىدى.
2014-01-30
ھەممىگە مەلۇم 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلىرى غۇلجا مەشرەپلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلىشىغا دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوللۇق مەشرەپلەرنى قاتتىق باستۇرۇپ توسقۇنلۇق قىلغانلىقى سەۋەب بولدى.