ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-10-31
ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىگە سولانغان ئىلھام توختىغا «تۈرك دۇنياسى ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ھاياجانغا سالدى.
2014-10-31
يېقىندا ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ قىرساي كەنتىدىن ئات ھەمدەپنە قىلىنغان 2300 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي قەبرىلەر بايقالغان.
2014-10-31
ئىسمائىل غاسپىرالى تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلار يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ قان تۆكۈلۈۋاتقانلىقى، ئەمما بۇلار ئاخباراتتا كۆپ خەۋەر قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن دۇنيانىڭ پەرۋا قىلماي كېلىۋاتقانلىقى، شۇڭا ئورتاق بىر تۈرك دۇنياسى ئاخبارات ئاگېنتلىقى قۇرۇلۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
2014-10-31
سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى جەڭلەردە ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىقى بىلەن تونۇلغان، مول مەزمۇنلۇق، يېقىملىق، ياڭراق ناخشىلىرى،ئۆلمەس ئىجادىي مۇزىكىلىرى بىلەن خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن، خەلق سەنئەتكارى، سەنئەت مائارىپچىسى، مۇزىكا ئۇستازى مۇساجان روزى بۇ يىل توقسان ياشتىن ھالقىدى. ئۇنىڭ سەنئەت بىلەن شوغۇللانغانلىقىغا سەكسەن يىل بولدى.
2014-10-31
شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھارماس - تالماس پىداكار يېتەكچىلىرىدىن ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئەتىگەن ئاۋستىرالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ، بۈگۈن ئەتىگەن ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە يەرلىككە قويۇلغان.
2014-10-31
يېقىندا ئالماتا شەھىرىدىكى «مىر» نەشرىيات ئۆيى تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەتقىقاتلار» ناملىق كىتاب يورۇققا چىقتى. مەزكۇر كىتاب قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن تەييارلاندى.
2014-10-31
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2014-10-31
ئۇيغۇر رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىپ، ئەگەر غەرب خىتايغا بېسىم ئىشلەتمىسە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ خەلقىنى باستۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
2014-10-31
خوتەن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئادىل نۇرمەمەت ئىنتىزامغا «ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
2014-10-31
خەلقئارا چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە چىرىك ئەمەلدارلار نۇقتىلىق كان، نېفىت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئېنېرگىيە بايلىق ساھەسىگە كۆپرەك مەركەزلەشكەن.
2014-10-31
ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى تۈرمىدە سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قارشى يۈز نەچچە بەتلىك رەدىيەنامە تەييارلاپ، يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان.
2014-10-31
خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بېيجىڭ يەر ئاستى پويىز يولىدا 31-ئۆكتەبىر «جادىلار بايرىمى» نى قۇتلۇقلاشنى، «تېررورچىلار» تەقلىد قىلىنغان جادىلار كىيىمىنى كىيىپ، بېيجىڭ يەر ئاستى پويىزىغا ئولتۇرۇشنى چەكلىگەن. خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ دەرھال قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2014-10-30
ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى 21 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىت ئابدۇللاجان گۋاڭشىنىڭ پىڭشياڭ تۈرمىسىدە سىرلىق ھالدا قازا قىلغاندىن كېيىن، تۈرمە دائىرىلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى تۇغقانلىرىغا بېرىشنى رەت قىلغان.
2014-10-30
يېقىندا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى دوختۇرلۇق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، غەرب دۆلەتلىرىگە ئوقۇش پۇرسىتى ئىزدەپ كەلگەن ياش ئۇيغۇر دوختۇر ئۆزى ئىككى يىل ئىشلىگەن بۇ ھەربىي دوختۇرخانىسىدا بېشىدىن كەچۈرگەن نۇرغۇن ناھەقچىلىكلەرنى سۆزلەپ ئۆتتى.
2014-10-30
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى تارقاتقان «تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش قوللانمىسى» دا، پۇقرالارغا «تېررورلۇق ھەرىكىتى» ۋە «تېررورچىلار» نى قانداق پەرق قىلىش، «تېررورلۇق ھۇجۇم» ئىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە ھەر خىل تەۋسىيىلەر بېرىلگەن.