ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-10-29
شىۋىتسىيەدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر خىل شەكىلدىكى مەشرەپلەر داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، 2011-يىلدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «ئۇيغۇرىستان مەشرىپى»بولسا بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالىدۇر.
2014-10-29
دۇنيا بانكىسى 29-ئۆكتەبىردىكى دوكلاتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنى نوقۇل ئىقتىسادىي ئۆسۈشىنىلا كۆزلىمەي، ئىقتىسادىي سىياسىتىنى پۈتۈلەي ئىسلاھ قىلىشقا چاقىردى.
2014-10-29
28-ئۆكتەبىردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ 850 مىڭ يۈەن پۇلىنى يۆتكەپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئايالى دائىرىلەرنىڭ ئەمدى ئۇلارنى تۇرۇۋاتقان ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
2014-10-29
ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىگە جايلاشقان چورى نېفىت خىمىيە شىركىتى ئۈرۈمچىدە ئالاھىدە سودا مەركىزى تەسىس قىلغان.
2014-10-29
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىدىمۇ چوقۇم كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
2014-10-29
يېڭىدىن ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن ئون يىل جەريانىدا تارىم نېفىتلىكىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن تەبىئىي گاز 140 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكەن.
2014-10-28
ئانالىزچىلار شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ ئىلھام توختى دېلوسى ھەققىدىكى مەخسۇس تېلېۋىزىيە سۆھبىتىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2014-10-28
زۇمرەت خانىمنىڭ قارىشىچە، بۈگۈر ئىسيانىدىكى ئىسيانچىلارنىڭ مەقسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە سىگنال بېرىش، ھۇجۇم نىشانى بولسا خىتاي ساقچىلىرى، ۋەقەدە زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغان پۇقرالار ئىسيانچىلار تەرىپىدىن قەستەن ئۇچرىتىلغان ئەمەس.
2014-10-28
تۈركىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 10-ئاينىڭ 25-كۈنى قەيسەرىگە زىيارەتكە كەلگەندە، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرگەن ھالدا مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
2014-10-28
10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ مەدەنىيەت سەنئەت يىغىن زالىدا، قىرغىز راھمان قۇل فوندى بىلەن ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قىرغىزلارنىڭ لىدېرى رەھمانقۇلخاننى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2014-10-28
ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شېئىرىيەت، پروزا ۋە دراماتۇرگىيە ساھەلىرىنىڭ ھەر قايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن راۋاجلاندى.
2014-10-28
سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى جەڭلەردە ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىقى بىلەن تونۇلغان، خەلق سەنئەتكارى، مۇزىكا ئۇستازى مۇساجان روزى بۇ يىل توقسان ياشتىن ھالقىدى.
2014-10-28
خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلار بۈگۈن خوڭكوڭ «كۈنلۈك ھەرىكىتى» نىڭ بىر ئايلىقىنى خاتىرىلىدى. سەيشەنبە كۈنى كېچىدە مىڭلىغان ئوقۇغۇچى مەركىزى نامايىش مەيدانىغا يىغىلىپ، كۈنلۈك ئېچىش ئارقىلىق، ھەرىكەتنىڭ بىر ئايلىقىنى خاتىرىلىدى.
2014-10-28
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان خىتاي كۈندىلىك گېزىتى بۈگۈنكى خەۋىرىدە، بۇندىن كېيىن خۇراپىيلىققا چوقۇنغۇچىلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
2014-10-28
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن تارقاتقان خەۋىرىدە مەركىزى ھەربىي كومىتېتنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى شۈ سەيخۇنىڭ زور مىقداردا پارا ئالغانلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقى، ئۇنىڭ داۋاسىنىڭ يېقىندا سوتتا كۆرۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.