ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-10-01
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، 1-ئۆكتەبىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «[خىتاي] شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىشى» نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
2014-10-01
30-سېنتەبىر فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رېىمس شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە خىتاي تۈرمىسىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىش تەكلىپى ھەققىدە رەسمىي دوكلات تاپشۇرغان.
2014-10-01
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز دۆلەتلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى بىلەن خاتىرىلىدى.
2014-10-01
خوڭكوڭدىكى نامايىش تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. پۈتۈن مەتبۇئاتلار ۋە رادىئو تېلېۋىزىيە قاناللىرى خوڭكوڭدىكى نامايىش توغرىسىدا كۆپلەپ ئۇچۇرلار تارقاتماقتا.
2014-10-01
تىبەت مىللىي مەجلىسى تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ئۆمۈرلۈك قاماققا مەھكۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنى دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىردى.
2014-10-01
چارشەنبە كۈنى خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشچىلىرى خوڭكوڭ دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر دائىرىلەر ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلمىسا نامايىش كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقى، ھەتتا ئىش تاشلايدىغانلىقى ۋە تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەت بىنالىرىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
2014-10-01
خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشى ئەۋجىگە چىققان ۋە ئامېرىكا مەزكۇر نامايىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پەيتلەردە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يېنىڭ چارشەنبە كۈنى ئۇچرىشىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.