ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-10-28
27-ئۆكتەبىر كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مىڭدىن ئوشۇق مەكتەپ مۇدىرى «مەكتەپ ئىچىدە دىنىي رادىكاللىقنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» قا ۋەدە قىلىپ، ئىمزا قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
2014-10-28
«ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇلۇغلۇق مۇساپىلىرى» ناملىق كىتاب يېقىندا ئامېرىكىدا نەشردىن چىقتى. ئامېرىكىلىق ئارخېئولوگ، ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رايېن تام تەرىپىدىن يېزىلغان كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن.
2014-10-27
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2014-يىلنىڭ دەسلەپكى 3 پەسلىدە ئۆي بازىرىنىڭ جىددىي كاساتلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇشۇ 3 پەسىلدە سېتىلغان تاۋار ئۆي كۆلىمى ئۆتكەن يىلقىدىن 20.3 پىرسەنت ئازايغان.
2014-10-27
دائىرىلەر يېقىنقى خەۋەرلىرىدە، 2010-يىلىدىكى شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن، شىنجاڭغا ياردەم نامىدا كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا، بىر تۈركۈم دوختۇرلارنىڭمۇ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.
2014-10-27
خىتاي 21-سېنتەبىر بۈگۈر ئىسيانى ھەققىدىكى خەۋىرىدە، ئىسيانچىلارنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەنلىكى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرەپتە تۇرۇپ قانلىق باستۇرۇشقا يان باسقانلىقى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەرنى ھېچ پەردازلىماستىنلا ئاشكارا ئېلان قىلدى.
2014-10-27
«11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۈرك دۇنياسى» ماۋزۇلۇق يىغىنغا تۈركىيەدىكى تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسلىرى، تارىخچىلار، تۈركولوگلار ۋە سىياسەتشۇناسلاردىن بولۇپ 70 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىس قاتناشتى.
2014-10-27
25-ئۆكتەبىردە ئالماتادا ئەۋېزوف ناھىيىسىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ قۇرۇلغىنىغا 50 يىل تولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ بايراملىق مۇراسىم بولۇپ ئۆتتى.
2014-10-27
سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى جەڭلەردە ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىقى بىلەن تونۇلغان، خەلق سەنئەتكارى، مۇزىكا ئۇستازى مۇساجان روزى بۇ يىل توقسان ياشتىن ھالقىدى.
2014-10-27
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆلۈم جازاسىنىڭ دائىرىسىنى تارايتىش بويىچە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ بىر تۈزىتىلگەن لايىھىسى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلغان.
2014-10-27
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ كابۇلدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستاننىڭ يېڭىدىن سايلانغان جۇمھۇر رەئىسى ئەشرەف غېنى ئەھمەدزايى سەيشەنبىدىن باشلاپ خىتايدا 3 كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىكەن.
2014-10-27
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 24-ئۆكتەبىر كۈنى قوبۇقسار ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى «دىنىي ئەسبىيلىك» بويىچە بىر دېلو ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئاچقان.
2014-10-27
خىتايدا چىقىدىغان «ئۇچۇر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل مايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا يولغا قويغان ھەقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە يەنە داۋراڭ سېلىشقا باشلىغان.
2014-10-27
مىڭپاۋ گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا چاقىرىلغان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 12-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىدا تېررورلۇققا قارشى دۆلەتلىك ئاخبارات مەركىزى قۇرۇش قارار قىلىنغان.
2014-10-26
رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق مۇساپىرلار باشقارمىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئېلىپ كېتىپ جايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشىنى ئېيتقان.
2014-10-24
خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك نامايىشچىلار يەكشەنبە كۈنى ئومۇم خەلق بىلەت تاشلاپ، داۋاملىق كوچا نامايىشى قىلىش ياكى نامايىشنى توختىتىپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ.