ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-10-24
خىتاي ئەيدىز پائالىيەتچىسى ۋاڭ چيۇيۈننىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى ئۇنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭ جەنۋەدە ئېچىلىدىغان ب د ت نىڭ ئاياللارنى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەن.
2014-10-24
ئۇيغۇر ئېلىدە 2014-يىلنىڭ دەسلەپكى 3 پەسلىدە تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىشى جىددىي ئازىيىپ، 20 پىرسەنتىدىن ئارتۇق تۆۋەنلىگەن.
2014-10-24
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ يىل خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلارغا ئازايغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆلۈم جازاسىنىڭ جىددىي كۆپەيگەنلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق تەتقىقاتچىسى ۋىليام نىي، ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇققا چېتىلىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ جىددىي كۆپەيگەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «بۇ ئەھۋال بىزنى ھەر تەرەپتىن ئەندىشىگە سالماقتا» دېگەن.
2014-10-24
خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىغا تولۇق ئەمەل قىلىپ، خوڭكوڭدا ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىش چاقىرىقىنى رەت قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جۈمە كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدىكى بىر زېمىندا «ئىسلاھات ئۆلچىمى» بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2014-10-24
بۈگۈر ئىسيانى يېتەكچىسى تۇرسۇن مەمەتنىڭ مەكتەپتىكى چاغلىرىدا تىرىشچان ۋە ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى، ئىش ھاياتىدا بولسا كەسپىگە پۇختا ۋە مەسئۇلىيەتچان كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئامما ئارىسىدا ئىشەنچ ۋە ئىناۋەت تاپقانلىقى ئاشكارىلاندى.
2014-10-24
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى خەلقئارالىق تېررور ھەرىكەتلىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنى خەلقئارا تېررورلۇقنىڭ قۇربانى دەپ ئاتىدى. 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىمۇ بۇنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
2014-10-24
سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى جەڭلەردە ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىقى بىلەن تونۇلغان، مول مەزمۇنلۇق، يېقىملىق، ياڭراق ناخشىلىرى، ئۆلمەس ئىجادىي مۇزىكىلىرى بىلەن خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن، مۇزىكا ئۇستازى مۇساجان روزى بۇ يىل توقسەن ياشتىن ھالقىدى.
2014-10-24
يېقىندا تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان دۇنيادىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى بىر كىتابتا خىتاينىڭ دۆلەت جاسۇسلۇق ئاپپاراتلىرى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.
2014-10-24
2009 - يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەۋەر ۋە ماقالىلەرگە كۆپلەپ ئورۇن بېرىلىشكە باشلىدى. يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئارقىمۇ - ئارقىدىن بىر قىسىم ئۇچۇرلار، ئانالىزلار ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىندى.
2014-10-24
ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 50 - ۋە 80 - يىللىرى ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ياركەنت تەۋەسىدە بىر قانچىلىغان ئېگىلىكلەر بولۇپ، ئۇلار ئاساسىي زىرائەت ھېسابلانغان كۆممىقوناق ئۆستۈرۈش، شۇنداقلا ئاشلىق، گۆش، سۈت، ماي يېتىشتۈرۈش بويىچە چوڭ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.
2014-10-24
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2014-10-23
بۈگۈر ئىسيانى باستۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلدە، ئاھالىلەرنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدە ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلالماي، بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆيلىرىدىن قېچىپ چىققانلىقى ۋە ئۆيلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى كېۋەزلىكتە دالدىلانغانلىقى ئاشكارىلاندى.
2014-10-23
قەشقەر پارتىيە قۇرۇلۇش تورى قاتارلىق مەنبەلەردىن، قەشقەردە دائىرىلەرنىڭ مەخسۇس «15 ماددىلىق چەكلەش» نى ئېلان قىلىپ، كادىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىنى قاتتىق چەكلىگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
2014-10-23
گېرمانىيەلىك مەشھۇر تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئاننېمارىيە فون گابائىن خانىمنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى بويىچە ئېلىپ بارغان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك تەتقىقاتى گېرمانىيەدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئۇل-ئاساسىنى ياراتقان.
2014-10-23
خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتى 20-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا نوپۇس ئىسلاھات تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، بۇ جايلارغا كۆچمەن بولغانلارنىڭ نوپۇس، خىزمەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئېتىبار سىياسىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.