ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-10-22
ھۆكۈمەت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت نەتىجىدە بەرمىگەندىن كېيىن، چارشەنبە كۈنى 200 گە يېقىن نامايىشچى خوڭكوڭ ۋالىيسىنىڭ تۇرالغۇسىغا يۈرۈش قىلىپ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا ئاتلاندى.
2014-10-22
ياپونىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى تارو ئاسو خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاڭ گاۋلى بىلەن چارشەنبە كۈنى كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرىنى كۆرۈشتۈرۈشكە مەيدان ھازىرلاشقا تىرىشقان.
2014-10-22
خوڭكوڭدىن چىقىدىغان «جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەل-قائىدا تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ ئىنگلىزچە ژۇرنىلىدا ئۇيغۇر ئېلىنى «بېسىۋېلىنغان مۇسۇلمان تۇپراقلىرى» دەپ كۆرسەتكەن ۋە بۇ تۇپراقلارنى «ئىسلام خەلىپىلىكنىڭ قوينىغا قايتۇرۇۋېلىش كېرەك» دەپ چاقىرىق قىلغان.
2014-10-22
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىگە يەنە 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن كىرگۈزۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2014-10-21
ئىگىلىشىمىزچە، نەچچە مىليون سوم قىممىتىدىكى ئۆي-جاي ۋە بېغىدىن مەجبۇرىي ئايرىلغان 80 ياشتىن ئاشقان ئابدۇرەھىم قارى بۇ يىل مايدىن ئېتىبارەن ئەرز قىلىشتىن توختاشقا مەجبۇر بولغان.
2014-10-21
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى 21-ئۆكتەبىر كۈنى 2014-يىللىق ئاساسىي قاتلام ئايال كادىرلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىننەتدارلىق تەربىيىسى كۇرسىنى باشلىغان بولۇپ، كۇرسقا 9 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلاردىن جەمئىي يۈز نەپەر ئاساسىي قاتلام ئايال كادىر قاتناشتۇرۇلغان.
2014-10-21
12-14-ئۆكتەبىر كۈنلىرى خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭ موسكۋادا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، 19-نۆۋەتلىك رۇسىيە-خىتاي باش مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەمدە رۇسىيە باش مىنىستىرى مېدۋېدېۋ ۋە پرېزىدېنت پۇتىن بىلەن ئۇچراشتى.
2014-10-21
«گۇانتانومودىكى ئۇيغۇرلار: بىمەنىلىك تۇتقۇنلىرى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ كانادادىكى خەلقئارالىق كىنو بايرىمىدا تۇنجى قېتىم قويۇلۇشى ئۇيغۇر سىياسىي ۋەزىيىتىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2014-10-21
تايلاندلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى چالىد خانىم، تايلاند دائىرىلىرىنى بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خالىغان دۆلەتكە كېتىشىگە يول قويۇشقا چاقىرغان.
2014-10-21
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى قاتتىق ئەنسىرەشكە سالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەندىن كېيىنلا يەكەن ۋەقەسى تۈپەيلىدىن يەنە 27 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەردى.
2014-10-21
قىرغىزىستان «ئىتتىپاق» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ 25 يىللىقىغا بېغىشلانغان پائالىيەتلەر «قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بىلەن يەنە داۋام قىلدى.
2014-10-21
21-ئۆكتەبىر كۈنى خوتەن ساقچى ئىدارىسى خوتەن تەۋەسىدە تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قارشىلىق ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 50 كىشىلىك ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش يىلپىزلار ئەترىتى» تەشكىللىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
2014-10-21
21-ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خوڭكوڭ نامايىشچىلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت 2 سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2014-10-21
يېقىندىن بۇيان خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدە پۇقرالارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۆپەيگەن بولۇپ، پەقەت 20-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى بىر كۈن ئىچىدىلا خىتاينىڭ بىرقانچە ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشلىرى ساقچىلارنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى.
2014-10-21
دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ كۆپلىگەن ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا، ئاۋسترالىيەگە كۆچمەن بولغان خىتاي پارىخور ئەمەلدارلىرى ھەققىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.