ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-11-30
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنى دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە لۇگانسك خەلق جۇمھۇرىيىتى دەپ جاكارلاپ، كىيېۋ ھۆكۈمىتىگە بويسۇنمايۋاتقان شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەس كۈچلەر پائالىيەتچىلىرىدىن 13 ئادەمگە قارىتا ئىمبارگو ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەش ئورگانغىمۇ ئىمبارگو قويۇلدى.
2014-11-30
ئوتتۇرا ئاسىيالىق كۆچمەن ئەمگەكچىلەر مەسىلىسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان رۇسىيە ئۈچۈن كۆپ باش ئاغرىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۆز نۆۋىتىدە بىر قانچە مىليون ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەمگەكچىلەرنىڭ رۇسىيەدە قانۇنسىز ھالدا تۇرۇپ، ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنى ئۆز ئۆيلىرىگە ئەۋەتىش بىلەن ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت كىرىمىگە زور پايدا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپ يېزىلغان ئىدى.
2014-11-30
خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكراتىك ھەرىكەت رەھبەرلىرى يەكشەنبە كۈنى كەچتە نارازىلىق ھەرىكىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ خونكوڭ ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى بىناسىنى قورشايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2014-11-30
شەنبە كۈنى تەيۋەندىكى ھەر قايسى ناھىيە - شەھەرلەرنىڭ باشلىقلىرىنى سايلاشتا ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە گومىنداڭ زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، تەيۋەن - چوڭ قۇرۇقلۇق مۇناسىۋەتلىرى كۆزەتكۈچىلىرى تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتا تۈرلۈك ئىنكاسلاردا بولماقتا.
2014-11-30
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى مەمتىمىن ئەلا ئاۋسترالىيەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر قىسىم ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ۋە شۇنداقلا مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ساقلىنىۋاتقان سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئۆزىنىڭ نەزىرىيىۋىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.
2014-11-29
خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، جۈمە كۈنى يەركەندە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 11 ھۇجۇمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 ئادەم قازا قىلغان.
2014-11-29
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇلار ئەسكەرلىكتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىغا ۋەزىپە ئۆتەشكە يۆتكىلىدىكەن.
2014-11-29
شەنبە كۈنى تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان يەرلىك بېلەت تاشلاشتا ھاكىمىيەت بېشىدىكى بېيجىڭپەرەس گومىنداڭ پارتىيەسى مۇستەقىللىقنى قوللايدىغان دېموكراتىك پارتىيىگە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، تەيۋەننىڭ باش مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.
2014-11-29
ياپونىيەنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى خىتاي تەرەپ بىلەن كرىزىس كونترول قىلىش مېخانىزمى كېلىشىمى ئىمزالاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
2014-11-29
نەسىب - قىسمەتلىرى بىلەن تۇڭگانلار جەمئىيىتىدە بىر نەچچە يىل ئوقۇ - ئوقۇتۇش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولغان ھۈسەيىن تەجەللى تۇڭگانلار جەمئىيىتىدىكى ئەركىن دىنىي مۇھىتنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ يىتىدۇ ۋە ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى تېخىمۇ روشەن ھېس قىلىدۇ.
2014-11-29
1. شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەردە ئۆزلىرىنىڭ مىللەت نامى بولمايدۇ. ھەرقايسى جايلاردىكى ئاھالە ئۆزلىرىنى شەھەرنىڭ ۋە؟ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جاينىڭ نامى بىلەن ئاتايدۇ. مەسىلەن:«قەشقەرلىك»،«تۇرپانلىق» قاتارلىقلار. -- ۋ. ۋ. بارتولد «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخىدىن ئون ئىككى لېكسىيە» دىن
2014-11-28
ئۈرۈمچىدە ئالدىنقى كۈنى يېپىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8-ئومۇمى يىغىنىدا ئاتالمىش دىن ئەسەبىيلىكىگە قارشى تۇرۇش ھەققىدە نۇقتىلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
2014-11-28
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولالمىغان مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 18-نۆۋەتلىك يىغىنى 27-28-نويابىر كۈنلىرى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە چاقىرىلدى.
2014-11-28
ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، ئەسىرلەرنىڭ ئەينىكى. ناخشىلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختا بېسىپ ئۆتكەن باتۇرلۇق، مەرتلىك ھەمدە مۈشكۈل ۋە جاپالىق كۈنلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى.
2014-11-28
يېقىندىن بۇيان تۈرك مەتبۇئاتى ۋە تۈرك سىياسىي سەھنىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى جىددىي رەۋىشتە تىلغان ئېلىنىشقا باشلىدى.