ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-02-28
ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 28 - فېۋرال جۈمە كۈنى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان يىغىندا مەكتەپ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2014-02-28
چېخ جۇمھۇرىيىتىدە يېتىشىپ چىققان تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇرشۇناس، چېخ پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئوندرېي كلىمېس يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە كۆز قاراشلىرىنى راۋان ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئىپادە قىلدى.
2014-02-28
تۈركىيەنىڭ ئىنسانىي ياردەم ۋەقپى باشلىقى بۈلەنت يىلدىرىم، تۈركىيە ئاناتولىيە مۇنبىرى باشلىقى تۇرگاي ئالدەمىر ئەپەندى ۋە ئى خ خ ۋەقپىنىڭ قەيسەرى شۆبىسى مەسئۇلى شابان ئۆزدۇيار ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت ئەزالىرى ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى.
2014-02-28
دۇنيا سودا-سانائەت ئۇچۇرلىرىنى 24 سائەت سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارقىتىشنى ئاساس قىلغان، ياپونىيە ج ن ن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال كەچلىك خەۋىرىدە «تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقە ۋە ئۇيغۇر ئەدىپى» دېگەن تېمىدا ئىلھام توختى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر تارقىتىلدى.
2014-02-28
شۋېتسىيەنىڭ يەۋلە (Gävle) شەھىرىگە قاراشلىق سكۈتخەر رايونىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيەت»كۈنى نامىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
2014-02-28
قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن نەشر قىلىنىۋاتقان ئالماتادا «ئاخبارات»، «غۇنچە»، «ئىرادە لىفە»، «ئۇيغۇر-پەن» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىياتى، تارىخى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ماتېرىياللار ئېلان قىلىنماقتا.
2014-02-28
ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يەمەننىڭ پايتەختى سانادا «ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات» دېگەن نامدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى.
2014-02-28
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2014-02-28
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىغا قارىتىلغان بارلىق ئەيىبلەشنى بىكار قىلىپ، ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
2014-02-28
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئىقتىساد پروفېسسورى شيا يىلياڭ، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىلمىي ئەركىنلىك پرىنسىپى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2014-02-28
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى تېررورلۇققا قارشى يەرلىك قانۇن چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2014-02-28
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قارىتىلغان تەنقىدلەرنى رەت قىلدى.
2014-02-28
ئاق ساراي جۈمە كۈنى رۇسىيەنى ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ، ئۇكرائىناغا ھەر قانداق شەكىلدىكى مۇداخىلە زو خاتالىق بولىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.
2014-02-27
بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فېيسبوكتا بايان قىلىنىشىچە، خوتەننىڭ تۇسۇلا يېزا پەيشەنبە بازىرىدا خىتاي ساقچىلىرى ئاممىغا قارىتىپ ياش ئاققۇزغۇچى بومبا ئاتقان، ئەتراپتىكى كىچىك بالىلار ۋە ياشانغانلار بەلگىلىك دەرىجىدە زەخىملەنگەن.
2014-02-27
2013-يىلىدىن باشلاپ دائىرىلەر ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى ئاتا مىراس تېۋىپلاردىن كەسپىي ئۇنۋان ۋە كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانلىرىنى خىتاي تىل-يېزىقى بىلەن بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى قانۇنىي ئورنى جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلگەن.