ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-04-30
بۈگۈن خىتاي ۋە خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى جەنۇبى ۋوگزالىدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە ۋەقەدە 3 كىشى ئۆلگەن، 79 كىشى يارىلانغان.
2014-04-30
مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ئۇنىڭ ئاپىسى ئامىنەم، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئاچىسى بېلىقىز ۋە ئىلگىرىكى تام قوشنىسى ئابدۇراھمان ئۆزتۈرك قاتارلىق كىشىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارا قىلدى.
2014-04-30
شى جىنپىڭ گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورىزم، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قاراتقان زەربىنى كۈچەيتىشنى ئەڭ مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە كۈچلۈك رەۋىشتە تەكىتلىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قەدەم باسقان 3-كۈنىلا ئۈرۈمچىدە پارتلاش يۈز بەردى.
2014-04-30
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2014-يىللىق دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتايدا مۇستەقىل كاتولىك، پروتېستانت مۇخلىسلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپلا قالماي، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى داۋاملىق ناچارلاشقان.
2014-04-30
26-ئاپرېلدا ئالماتا شەھىرىدىكى ئەۋېزوف ناھىيىسىنىڭ ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-گىمنازىيىسىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىملىرىنىڭ 2-رايونلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
2014-04-30
23-ئاپرېل كۈنىدىن 27-ئاپرېل كۈنىگىچە تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبېيدە ئۆتكۈزۈلگەن9-قېتىملىق «ئېتنىك توپلۇقلارنىڭ ياش رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى» دا زوراۋانلىققا تايانماستىن ھۆكۈمەتكە قانداق قارشى تۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
2014-04-30
ياپونىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «ۋىلل ژۇرنىلى» نىڭ بۇ ئايلىق سانىدا ژۇرنالىست كائورى خانىمنىڭ «خىتاي تېررور ئويۇنى ئۆزى ئويدۇرۇپ ئۆزى ئويناۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
2014-04-30
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى ئاياغلىشىش ھارپىسىدا ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 50 ئادەم يارىلانغان.
2014-04-30
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 29-ئاپرېل بىڭتۇەنى زىيارەت قىلىپ، رايوننىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بىڭتۇەننىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
2014-04-30
سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە بېرىلگەن ماددىي ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ئامباردا سېسىپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ خىتاينىڭ تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان.
2014-04-30
ئىرانغا چەكلەنگەن ھەربىي زاپچاس سېتىپ ئامېرىكىنىڭ سودا ئېمبارگوسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان خىتاي سودىگەرگە رەسمىي جىنايەت ئارتىلدى.
2014-04-29
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 27-ئاپرېل ئۇيغۇر ئېلىغا يېتىپ كېلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشقا باشلىدى.
2014-04-29
مەرھۇم ئابدۇلباسىت ئابلىمىتنىڭ پاجىئەسى قوزغىغان زور زىلزىلە ئاستا-ئاستا بېسىقىشقا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى بىر قىسىم ئەمەلىي ئەھۋاللار ئاشكارا بولماقتا.
2014-04-29
مەكىت ناھىيىلىك سوتنىڭ سۇلايمان ئابلىمىت قاتارلىق 6 نەپەر ياشنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن ھۆكۈمنامىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوتتا رەت بولغاندىن كېيىن، دائىرىلەر ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، كىشىلەرنى دېلو ھەققىدە ساختا ئىسپات بېرىشكە ئۈندىگەن.
2014-04-29
27-ئاپرېل كۈنى ئەتىگەن قەيسەرى شەھىرى ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلار چوڭ يولنىڭ بويىغا چىقىپ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قىزغىن كۈتۈۋالدى.