ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-06-30
بۈگۈن خىتاي دۆلەتلىك تەپتىش مەھكىمىسى، كۇنمىڭ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ 1-مارت كۇنمىڭ ۋەقەسىگە چېتىشلىق گۇماندارلاردىن 4 نەپىرىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2014-06-30
6-ئاينىڭ 27-كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش، ئۆلۈم جازاسى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2014-06-30
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە يەنە، قىرىم تاتارلىرىغا ئوخشاش نوپۇسى ئىنتايىن ئاز بولغان بەزى مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ ئۆتۈشتى.
2014-06-30
ھوككايدو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 73-نۆۋەتلىك ياپونىيە پەلسەپە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ياپونىيەدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ دوكتور ئاسپېرانتى مۇختەرجان ئابدۇراخمانمۇ قاتناشقان.
2014-06-30
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، دوغان خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا چەكلىمە قويغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
2014-06-30
19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن ئېتىبارەن چار رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوقان خانلىقى، بۇخارا ئەمىرلىكى ۋە خىۋە خانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈركىي خەلقلەر دۆلىتىنى يوقىتىپ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلىش ھەربىي پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش باشلانغان.
2014-06-30
شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى ئېلان قىلغان 2013-يىللىق ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى دوكلاتىنىڭ خىتايغا ئالاقىدار قىسمىدا، شەرقىي تۈركىستان، تىبەتلەر توغرىسىدا ئاساسلىق توختالغان.
2014-06-30
مەلۇم بولۇشىچە، 3-ئىيۇن كۇنمىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «1-مارت كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ھۇجۇمى» بىلەن چېتىشلىق دەپ قارالغان 4 نەپەر ئۇيغۇر گۇماندار ئۈستىدىن كۇنمىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتقا ئەيىبنامە يوللىغان.
2014-06-30
30-ئىيۇن خەلقئارا تاراتقۇلار بىردەك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى يەنە 113 ئۇيغۇرغا كوللېكتىپ سوت ئېچىپ جازا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
2014-06-30
بۈگۈن خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئىنگلىزچە نەشرىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ئاتالمىش «تېررورلۇق» ھۇجۇملىرى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە باغلىنىشنىڭ يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
2014-06-30
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇشى جىددىي رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلماقتىكەن.
2014-06-30
شىنخۋا تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 30-ئىيۇن كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلغان خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ جىددىي يىغىنىدا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سابىق بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى شۈ سەيخۇنىڭ كومپارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنغانلىقى مەلۇم.
2014-06-29
ئىراق ھۆكۈمىتى يېقىندا يۈز بېرىۋاتقان ئىسيانلارنى باستۇرۇشتا پايدىلىنىش ئۈچۈن رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالغان.
2014-06-29
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن دۈشەنبە كۈنى، يەنى 30 - ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي ئوكرائىنادىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر قاتار قەدەملەرنى بېسىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيەگە قارىتا يېڭى تولۇقلىما ئىمبارگو قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
2014-06-29
پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى باشلىدى.