ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-07-31
يەكەننىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا 28-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن قانلىق ئىسياننىڭ قوزغىلىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر ھەققىدە ئوخشىمىغان مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
2014-07-31
30 - ئىيۇل سەھەر بامدات نامىزىدىن كېيىن قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تۈرلۈك ئىنكاسلاردا بولدى.
2014-07-31
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى تىنچ يول بىلەن تەلەپ قىلغان ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىشى، خەلقئارادا جىددىي ئىنكاس قوزغىدى.
2014-07-31
پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار «11 ئاينىڭ سۇلتانى» دەپ ئاتالغان مۇقەددەس رامىزان ئېيىنى ئىبادەت ۋە ساخاۋەت بىلەن تاماملاپ، روزى ھېيتىنى شاد - خۇراملىق ئىچىدە كۈتۈۋالغان بولسىمۇ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ماتەم ئىچىدە كۈتۈۋالدى.
2014-07-31
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى مەخسۇس قارار ماقۇللاپ فالۇنگوڭچىلار ۋە ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىشقا قاتناشقانلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى.
2014-07-31
2014-يىلى 10-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى تۈركىيە خەلقى جۇمھۇر رەئىسىنى سايلاپ چىقىدۇ، تۈركىيەدە ھازىرقى باش مىنىستىر ئەردوغان ۋە سابىق ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك نامزاتلىرى بولۇپ ئېلان قىلىندى.
2014-07-31
26-ئىيۇن ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ناھا شەھىرىدىكى ئۆلكىلىك مۇزىيخانىنىڭ يىغىن زالىدا «ئوكىناۋانىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش كومىتېتى»نىڭ ساھىبخانىلىقىدا «خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئوكىناۋا» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
2014-07-31
ئۇيغۇر ئېلىدىكى قامال مىسلىسىز كۈچەيتىلگەن. 28 - ئىيۇل كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن توقۇنۇش ۋە ئارقىدىنلا قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ خاتىبى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسى بويىچە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق چىڭىتىلغان. ھەرقايسى كىرىپ - چىقىش ئېغىزلىرى، پويىز - ئاپتوبۇس، ئاپتوموبىللار قاتتىق تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. كوچىلاردا قوراللىق - قورالسىز چارلىغۇچى ساقچىلار كۆپەيتىلگەن.
2014-07-31
قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ خاتىب ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى ئىستانسىمىز تەرىپىدىن تۇنجى بولۇپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى مەتبۇئاتلارنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. خەلقئارادىكى نۇرغۇن داڭلىق ئاگېنتلىقلار ۋە گېزىتلەر ئىستانسىمىزنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ، بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەر ئامېرىكىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژۇرنال ۋال سىترىت ژۇرنىلى، لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى، گاردىيان گېزىتى ۋە ئەل - جەزىرە قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى.
2014-07-31
خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بۈگۈن ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە چېتىشلىق دەپ قارىغان ئىككى كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. بىر كىشىنى قولغا ئالدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇچۇرىدا، تۇرغۇن تۇرسۇن، مەمەتجان رەمتۇللا، نۇرمەمەت ئابدىلىمىت قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ رادىكال ئىدىيىنىڭ تەسىرى بىلەن چوڭ ئىش چىقىرىپ، تەسىر قوزغاش ئۈچۈن قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.
2014-07-31
دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىردى. چارشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى رەسمىي ھالدا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن ئېلان قىلغان مەخسۇس باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ «ئاساسسىز» ئەيىبنامىسىدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار، ئۇيغۇر ئېلىدا ۋەزىيەت قاتتىق كەسكىن بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىشى ئۇيغۇرلارغا سەلبىي سېگنال بېرىدۇ، دەپ ئەسكەرتتى.
2014-07-30
چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، خىتاي دۆلەتلىك ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ياقىلاپ كېلىۋاتقان خاتىبى جۈمە تاھىر ئۆلتۈرۈلگەن.
2014-07-30
ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ساقچىلارنىڭ ھېيتگاھنى قامال قىلىشىغا شۇ كۈنى سەھەر جامەدىكى بىر دىنىي زاتنىڭ جامە ئالدىدا ئىككى كىشى تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەب بولغان ئىكەن.
2014-07-30
يەكەندە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەنلىكى، ئۈچ كۈندىن بۇيان قوشنا ناھىيەلەرگە قاتنايدىغان قاتناشنىڭ توختىتىلغانلىقى ھەمدە خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ يەكەنگە يۆتكەپ كېلىنىپ، مەكتەپ ۋە باشقا مۇھىم ئورۇنلارغا ئورۇنلاشقانلىقى مەلۇم.
2014-07-30
ئۈرۈمچى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئېرى ئىلھام توختىغا ئارتقان ئاتالمىش جىنايەتلەر ھەققىدە توختالغان گۈزەلنۇر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېرىگە تۆھمەت چاپلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارا جامائەتنى مەزكۇر دېلوغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.