ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-09-30
ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشتا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلىدى.
2014-09-30
خىتاي سوتى ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا قارشى كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرماقتا.
2014-09-30
ئۇكرائىنا كرىزىسىدىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشىگە ئەگىشىپ رۇسىيە-خىتاي ھەمكارلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېشىۋاتقانلىقى ئېيتىلماقتا.
2014-09-30
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «تۈرك دۇنياسىدا ۋايىزلىق پائالىيەتلىرى: كۈچلۈك ۋايىزلىق گۇرۇپپىسى قۇرغىلى بولامدۇ؟» دېگەن تېمىدا 2-نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىنى چاقىرىپ، تۈرك دۇنياسى لوبىچىلىك مۇنبىرى قۇرۇش قارارىنى ماقۇللىدى.
2014-09-30
23-سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيا مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتە كۆپلىگەن خەۋەرلەرنى تارقاتتى.
2014-09-30
ئۆتكەن يىلى بۈگۈر ناھىيىسىدە ئىنتايىن دەھشەتلىك بىر ۋەقە يۈز بەرگەن. ۋەقەدە، بىر ئانا ئۆزىنىڭ 18 ياشلىق ئوغلىنى پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. سوت مەھكىمىسى بۇ ئايالنى 6 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان.
2014-09-30
ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدىن ئايرىلغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرىنىڭمۇ ۋەتەن ماۋزۇسىنى ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە بەلگىلىگەنلىكى تارىختىن ياخشى مەلۇم.
2014-09-30
ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى 30-سېنتەبىر ئەتىگەن تەشكىلات رەئىسى ئالىم سېيىتوف نامىدا «ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خىتاينى دۆلەت قۇرۇلغان چاغدىكى روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خىتايدىكى ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىشقا چاقىرىدۇ» سەرلەۋھەلىك بايانات ئېلان قىلدى.
2014-09-30
خىتاي دائىرىلىرى خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىغا كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنى ئېتىپ، بىر قىسىم نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، 29-سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاقساراي ھۆكۈمىتى ئىنكاس قايتۇرۇپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىرىش بىلەن بىللە، خوڭكوڭدا دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2014-09-30
ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان جەۋھەر ئىلھام 30-سېنتەبىر ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دادىسى ئىلھام توختى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلدى.
2014-09-30
خىتاينىڭ يېقىنقى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىۋاتقان دىنىي كىتابلارنى چەكلەشتە، يەككە كىتاب يايمىچىلىرىغا قارىتا نازارەتنى كۈچەيتىپ، خەلق ئارىسىدىكى دىنىي كىتابلارنى«قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى» نامىدا يىغىپ بىر تەرەپ قىلغاندىن باشقا، يەنە ئۆلكە، شەھەر ھالقىغان ھالەتتە «قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش» نامىدا، دىنىي كىتاب سودىگەرلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ جازالاشنى كۈچەيتكەن.
2014-09-29
مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، يوپۇرغا ناھىيىسىدە بۇ يىل رامىزان مەزگىلىدە بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان، ئەمما ئۇنىڭ كىملىكى ۋە تۇتۇلۇش سەۋەبى ئاشكارىلانمىغان ئىدى.
2014-09-29
28-سېنتەبىر، خىتاي دائىرىلىرى، خىتاي تارىخىدىكى ئۇلۇغ پەيلاسوپى، كاتتا ئۇستازى سانالغان كۇڭزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 2565 يىللىقىغا ئاتاپ «كۇڭزى مەدەنىيەت بايرىمى» پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى.
2014-09-29
خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلھام توختىغا ناھەق، دەلىل ئىسپاتى تولۇق بولمىغان جىنايەتلەرنى ئارتىش ئارقىلىق مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
2014-09-29
خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ 80-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 29-سېنتەبىر كۈنى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە باشلاندى. قۇرۇلتايغا 120گە يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى.