ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-12-31
ئۆتكەن بىر يىلدا يۈز بەرگەن ئىككى چوڭ ۋەقە ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەن رابىيە خانىم، بۇ بىر يىلنىمۇ ئۆتكەن يىللارغا ئوخشاشلا، ئۇيغۇر ئېلىدە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۆكسۈمىگەن بىر يىل بولدى، دەپ خۇلاسىلىدى.
2015-12-31
ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى يىل ھارپىسىدا دائىرىلەرنىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرگە قاراتقان ئاتالمىش «مۇقىملىق» تەدبىرلىرى پەۋقۇلئاددە كۈچەيمەكتىكەن.
2015-12-31
گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا گېرمانىيە تەرەپ خىتاي تۈرمىسىدىكى بەزى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ دېلوسى، دىنىي ئەركىنلىك، كۆچمەنلەر، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2015-12-31
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، 2015-يىلى تۈركىيە-خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدە مەلۇم ئىلگىرىلەش بولغان بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سىياسىي جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەن.
2015-12-31
30-دېكابىر كۈنى فىرانسىيەدىكى مەشھۇر ئاخبارات ئورگانلىرى بىرلەشمە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇرسۇلا گوتىيىرغا «ساختا گۇناھ ئارتىپ چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان» لىقىنى ئەيىبلىدى.
2015-12-31
سابىق فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى دېنىس گېرىئېمار خىتايدىن قوغلانغان مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ فىرانسىيەدە كەڭ تونۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2015-12-31
رادىئومىز مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ 16 ئايدىن بېرى خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى قېرىندىشى قويۇپ بېرىلدى.
2015-12-31
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىسى سەۋەبلىك خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان فىرانسىيە «لوبس» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئۇرسۇلا گوتىيىر خانىم 31-دېكابىر خىتايدىن ئايرىلغان.
2015-12-31
ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ يەنى شۈموگۇۋ رايونىدىكى قازاق چارۋىچىلارنىڭ رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، 2007 يىلى بۇلاقتاغ يايلىقىدىكى 100 دىن ئارتۇق چارۋىچىنىڭ 1980 مو ئەتراپىدىكى يايلىقى دائىرىلەر تەرىپىدىن «ئىككى يىل يايلاقنى دەم ئالدۇرۇش، ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» نامىدا تارتىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي مەنبەسىدىن ئايرىلغان قازاق چارۋىچىلار تۇرمۇشتا موھتاجلىقتا قالغان.
2015-12-31
خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى 31-دېكابىر كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچىدە قاتنايدىغان ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ يېڭى يىل مەزگىلىدىكى باھاسى چۈشۈرۈلۈپ، كارىۋاتلىق پويىز بېلىتىدىنمۇ تۆۋەن باھادا سېتىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
2015-12-31
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى 2015-يىل 31- دېكابىر« كېچە تۈگەپ تاڭ ئاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى.
2015-12-30
1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئاللىقاچان تارىخقا ئايلاندى.
2015-12-30
فىرانسىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «لوبس» خەۋەر ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئۇرسۇلا گوتىيېر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تېررورلۇقنى قوللاش» بىلەن ئەيىبلەندى ۋە ۋىزىسى يېڭىلىنىپ بېرىلمەي، خىتايدىن چىقىرىۋېتىلدى.
2015-12-30
2002-يىلىدىن بېرى ھەر يىلى قەرەللىك چاقىرىلىپ كېلىۋاتقان «ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 30-دېكابىر كۈنى ئاخىرلاشتى.
2015-12-30
يېقىندا ئالماتادىكى «مىر» نەشرىياتى تەرىپىدىن «دۆلەت كىملىكىنىڭ شەكىللىنىش جەريانلىرىدىكى مۇستەقىل قازاقىستان تۈركىي تىللىق خەلقلىرى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى.