ئەخمەت ئىگەمبەردى: مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى (14): ئاۋسترالىيەگە كەلگەن تۇنجى ئۇيغۇرلار
2023.05.18

ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 86 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزى شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى ھەققىدىكى ئاغزاكى تارىخىي بايانلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق قىسمىدا ئۆزىنىڭ 1979-يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 6 يىل ئۆتۈپ، ئاۋسترالىيەگە كۆچمەن بولۇپ كېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك جەريانلار ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دۆلەتكە ماكانلىشىشى تارىخى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنداقتا ئاۋسترالىيەگە ئۇيغۇرلار قاچان ۋە قانداق سەۋەبلەر بىلەن ماكانلىشىشقا باشلىدى؟ ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەڭ دەسلەپ ئاۋسترالىيەگە قەشقەردىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىدا ئىشلىگەن يېڭىسارلىق پاتىگۈل خانىم ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان پاكىستانلىق يولدىشى ۋە ئۆزىنىڭ ئىنىسى ئەخمەت بىلەن بىرگە 1948-يىلى كەلگەن. ئۇلار سىدنېيغا ئورۇنلىشىپ شۇ يەردە ئون نەچچە يىل ياشىغاندىن كېيىن 1960-يىللاردا ئامېرىكاغا كۆچۈپ كەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋسترالىيەگە كېلىش تارىخى ئەنە شۇلاردىن باشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋسترالىيەگە كېلىشى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار كومىتېتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان 1917-1930-يىللىرى ئارىسىدا چار رۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قېچىپ چىقىپ خىتاي ۋە باشقا بىرقىسىم ئەللەرگە ئورۇنلىشىپ قالغان رۇس ۋە باشقا مىللەتلەرگە مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىش پروگراممىسى بويىچە ئاۋسترالىيەگە كەلگەن بىرقىسىم تاتار، رۇس، ئۆزبېك ۋە باشقىلارغا چېتىشلىق ئىدى. قالغان ئۇيغۇرلار 1970-1980-يىللاردىن باشلاپ ئەنە شۇ تاتار، ئۆزبېك ۋە ھەتتا قىسمەن شالغۇت رۇسلارغا چېتىشلىق ھالدا كېلىشكە باشلىغان.
1960-1970-يىللاردا خىتاينىڭ شەرقىي شىمالى، شاڭخەي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن، 1962-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتا كۆچۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، ئۆز ئورۇنلىرىدا قەپ قالغان رۇسلار ۋە رۇسلار بىلەن خىتايلاردىن بولغان شالغۇتلار ئەنە شۇ ئاقئورۇس مۇساپىرلىرى سالاھىيىتى بىلەن ئاۋسترالىيەگە كۆپلەپ كېلىپ يەرلەشكەنىدى.
بۇ مۇساپىرلار قوشۇنىغا ئىلى، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى كەلگەن يېرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەلىگەن ئاز بىرقىسىم تاتارلار، ئۆزبېكلەر ۋە باشقىلارمۇ قوشۇلغان. بىراق ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە بۇ سالاھىيەت بېرىلمىگەنىدى.
ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزى 1979-يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ 1980-يىلى ئەنە شۇ ئاقئورۇس مۇساپىرلار پروگراممىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ ئاۋسترالىيەگە كۆچۈشكە باشلىغان بىر تاتار ئائىلىسىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۆزىمۇ ئەنە شۇ پروگراممىغا چېتىلىپ ئايالى بىلەن بىرگە ئاۋسترالىيەگە كېتىشكە ھەرىكەت قىلغان. ئەمما ئاران 1985-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يول قويۇشى ئارقىسىدا ئائىلىسى بىلەن بىرگە ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىگە كېلىپ ماكانلاشقان.
ئاۋسترالىيەگە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇيغۇر، تاتار، ئۆزبېك، قىرغىز، قازاق ۋە ھەتتا رۇس ۋە شالغۇتلار (پېرېرودكىلار) ئەينى 1980-1990-يىللاردا ئۆزئارا ئالاقىداردا بىر-بىرى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەتتى.
ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلار 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن ۋە 1990-يىللاردىن باشلاپ، بولۇپمۇ 1997-يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسى ھەم 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىن تويلىشىش، ساياھەت، ئوقۇش ۋە باشقا يوللار بىلەن ئاۋسترالىيەگە تۈركۈملەپ كېلىپ كۆپىنچىسى سىياسىي پاناھلىق ۋە مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئولتۇراقلىشىپ، ئىزچىل كۆپىيىپ ھازىرقىدەك بىرقانچە مىڭ ئادەمگە يېتىدىغان دىئاسپوراغا ئايلانغان. بۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار بىۋاسىتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقى بىلەن سىياسىي پاناھلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلىدى.