ئەخمەت ئىگەمبەردى؛ مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى: تاشكەنتكە بارغان 108 ئوقۇغۇچى( 18)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار تەييارلىدى
2023.09.07
tashkent-sawaqdashlar-ogunush-1958-1.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى تاشكەنتكە ئوقۇشقا چىقارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 1956-1958-يىللىرى.
Photo: RFA

ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 86 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزى شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى ھەققىدىكى ئاغزاكى تارىخىي بايانلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق قىسمىدا 1950-يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشقا چىقارغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ تاشكەنتتە قانداق تەسىرلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي-سوۋېت ئىتتىپاقداشلىق دەۋرىدە، خىتاي ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساسەن دېگۈدەك سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. ئەنە شۇ مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىمۇ 1956-1958-يىلى ئارىسىدا ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ، تاشكەنتكە ئوقۇشقا چىقارغان بولۇپ، ئەسلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىغا 300 ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشنى پىلان قىلغانىكەن، ئەمما تاشكەنت شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۈچ تۈركۈمدە 108 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى چىقارغان. بۇلارنىڭ %80 نى ئۇيغۇرلار، قالغانلىرىنى باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى تاشكەنتكە ئوقۇشقا چىقارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 1956-1958-يىللىرى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى تاشكەنتكە ئوقۇشقا چىقارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 1956-1958-يىللىرى.

بۇ، 1934-1937-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تىكلىشى ۋە يۆلىشى بىلەن مەۋجۇت بولغان شېڭ شىسەي ۋە خوجانىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى «شىنجاڭ ھۆكۈمىتى» نىڭ ئۈچ تۈركۈمدە 300 ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئوقۇشقا چىقىرىشىدىن 20 يىل ئۆتۈپ، ئىككىنچى قېتىمدا ئەنە شۇنداق مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاشكەنتكە ئەۋەتىلىشى ئىدى. ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەنە شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار تاشكەنتتىكى ئوقۇش جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تەرەققىياتلار، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى گۈللىنىشلەرنى كۆرۈپ، بۇنى خىتاي كوممۇنىستلىرى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئەمەلىي سىياسىي ھوقۇقلارنى بەرمىگەنلىكىنى چۈشەنگەن، ئۇلار تاشكەنتنى خۇددى ئۆز ئۆيلىرىدەك، ئۆزبېكىستاننى خۇددى ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرىدەك ھېس قىلىپ ئۆزلىرىنى ئەركىن تۇيغان. ئۆزبېكلەر ۋە باشقا مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇلارغا ئەڭ سەمىمىي مۇئامىلىلەردە بولغان. بولۇپمۇ ئۆزبېكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن قېرىنداشلىقى، ئۆزبېك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورتاقلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇ جايدا ھەرگىزمۇ ياتسىرىمىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى تاشكەنتكە ئوقۇشقا چىقارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى. 1956-1958-يىللىرى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى تاشكەنتكە ئوقۇشقا چىقارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى. 1956-1958-يىللىرى.

لېكىن، 1930-يىللاردا تاشكەنتكە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قانداق ۋەيران قىلىنغان بولسا، 1950-يىللاردا تاشكەنتكە ئوقۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلىرى ئوخشاشلا، يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش، ئىستىل تۈزىتىش، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دېگەندەك كۈرەشلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، تۈرمىلەردە ياتقان، ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە ئېغىر پاجىئەلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. لېكىن، تاشكەنت قاتارلىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىر قىسمى تۈرلۈك پاجىئەلەرنى يېڭىپ، 1950-1960-يىللار، بولۇپمۇ 1980-يىللار ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ يېتەكچىلىرىگە ئايلانغانىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا قەپ قالغانلىرىمۇ، مەسىلەن ئابدۇرېشىت ئېلىيوف، ئابلىز ئابدۇللايېف، شەرىف ئەخمەدوف، شەھىدە شاھىمەردانوۋا ھەم باشقىلار كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملار، پروفېسسورلار، مەدەنىيەت ئەربابلىرى بولۇپ ئۆز تەۋەسىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان شەخسلەرگە ئايلانغانىدى.

سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.