ئەخمەت ئىگەمبەردى: مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى (4)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2022.11.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
exmet-igemberdi-ziya-semedi سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي كادىرلىرى، ئۇيغۇر جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى تەرەپدارلىرى ۋە مىللەتپەرۋەرلىرى. ئوڭدىن بىرىنچى كىشى زىيا سەمىدى، سولدىن بىرىنچى كىشى قاسىمجان قەمبىرى. 1950-1953-يىللىرى. ئۈرۈمچىدە.
Photo: RFA

خىتاي كومپارتىيەسى نېمە ئۈچۈن «يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بەردى»؟

خىتاي كومپارتىيەسى 1957-1958-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك «يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش ھەرىكى» تى قوزغىدى. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئېلىنغان 1949-يىلىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق كۆلىمى زور بولغان بىر قېتىملىق سىياسىي، ئىدىيەۋى، مىللىي ۋە جىسمانىي زەربە بېرىش ھەم تازىلاش ھەرىكىتى ئىدى.

بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە، ئەنە شۇ ھەرىكەتلەرگە شاھىت بولغان ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىرى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر زەربە بېرىش ۋە تازىلاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشى ھەققىدە ئۆز چۈشەنچىلىرىنى بايان قىلدى.

سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.