ئەخمەت ئىگەمبەردى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىك ئەدەبىياتى ۋە مىللىي روھىيىتى ۋەكىللىرىدىن بىرى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار تەييارلىدى
2024.03.28
exmet-igemberdi-kitab.jpg ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەر زىيالىيسى ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ «ھىجران دەردى» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى.
Oqurmen Teminligen

بۇ يىل ئۆزىنىڭ 88 ياشلىقىنى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالغان تالانتلىق ئەدىب، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان مىللەتپەرۋەرلىك شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى، سۇنماس مىللەتپەرۋەر، 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تارىخ كەچمىشلىرىنىڭ شاھىتى دەپ ھېسابلانغان ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ ھاياتىغا يەنە بىر زور مۇۋەپپەقىيەت قوشۇلدى. بۇ بولسىمۇ، ئاپتورنىڭ 4 توملۇق تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ نەشر قىلىنىشىدۇر.

«ئەخمەت ئىگەمبەردى تاللانما ئەسەرلىرى» نىڭ يورۇق كۆرۈشى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، مىللەتپەرۋەرلىرى ۋە ئەدىبلىرىنى شادلاندۇردى. چۈنكى، بۇ يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدىكى زور يېڭىلىقلاردىن بىرى ھېسابلىناتتى.

ئەخمەت ئىگەمبەردى ئىجادىيىتىنىڭ 70 يىللىقى توشقاندا ئۇنىڭ مۇنداق زور ئىجادىيەت مېۋىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى ئالقىشلىغان تۈركىيەدىكى پىروفېسسور دوكتور، شائىر سۇلتان مەخمۇت ئەپەندى چوڭقۇر ھاياجان بىلەن ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ئىنتايىن خوش بولغانلىقىنى ۋە تەبرىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيۇشمىسى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ 1954-يىلىدىن باشلاپ يېزىپ ئېلان قىلغان ۋە تېخى ئېلان قىلىنمىغان شېئىرلىرى، ئەدەبىي ئوبزورلىرى ۋە سىياسىي ئىجتىمائىي ماقالىلىرىنى توپلاپ، «ئەخمەت ئىگەمبەردى تاللانما ئەسەرلىرى» نامىدا ئايرىم-ئايرىم كىتاب سۈپىتىدە نەشر قىلغان بولۇپ، كىتابنى نەشرگە تەييارلاش ئىشلىرىغا باشتىن ئاخىرى ئەمگەك سىڭدۈرگەن ۋە ئەسەرلەرنىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغان گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر شائىرى ئالىمجان مەتقاسىم ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلاش خېلى ئۇزۇن مۇساپىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى، تۈرىنىڭ ھەر خىللىقى، يەنى ئۇنىۋېرساللىقى، يېزىلىش ۋە ئېلان قىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن جەرياننى باشتىن كەچۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن بارلىق ئەسەرلەرنى توپلاش، قايتىدىن بېكىتىش ئىشىغا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىنغان.

پىروفېسسور سۇلتان مەھمۇد ئەپەندىنىڭ باھا بېرىشىچە، ئەخمەت ئىگەمبەردى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىك ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى. شۇنىڭدەك ئۇ كۆپ قىرلىق تالانت ئىگىسى.

 شائىر ئالىمجان مەتقاسىمنىڭ باھا بېرىشىچە، ئەخمەت ئىگەمبەردى شېئىرلىرىدىكى ئاتىشىن مىللىي روھ، يۈكسەك بەدىئىيلىك، قايناق تەپەككۇر، لەززەتلىك سۆز دۇردانىلىرى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەردۇر! ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ يەنە بىر قىممىتى ئۇنىڭ تۈرمىلەردە قان-ياشلار ۋە ئۈمىد روھى بىلەن يېزىلغانلىقىدۇر.

ئەخمەت ئىگەمبەردى شېئىرلىرى ۋە داستانلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مىللىي مەۋجۇدىيەت كۈرىشىگە مۇناسىۋەتلىك مىللىي روھ، مىللىي ئىدىيە، مىللىي قىسمەتلەر كىشىلىك ئارزۇ-ئارمان ۋە غايىلەر بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ پۇبلىستىكىلىق ئەسەرلىرى 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن باشلانغان. بۇ، ھەر خىل ئەدەبىي ئوبزور، ئوچېرىك ۋە سىياسىي ھەم مەدەنىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدىكى باھا ۋە ئانالىزلاردىن ئىبارەتتۇر. ئەخمەت ئىگەمبەردى 1980-يىللاردا ئاۋسترالىيەگە كۆچۈپ چىقىپ مۇھاجىرەت ھاياتىنى باشلىغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرى ئۈچۈن بولغان پائالىيەتلىرىنى ھېچقاچان توختاتمىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ باھا بېرىشىچە، ئەخمەت ئىگەمبەردى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ھاياتىنى ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىغا ۋە كۈرىشىگە بېغىشلىغان، بۇ يولدا تۈرمىلەردە ياتقان، تۈرلۈك بېسىملارغا ئۇچرىغان، ئەمما ئىرادىسى ھېچقاچان سۇنماستىن، ئۆز يولىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ پېشۋالىرى ۋە يېتەكچىلىرىدىن بىرىدۇر.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىك شېئىرىيىتى ۋە ئەدەبىياتىدا ئەنە شۇ مۇھاجىرەت باشلانغان 1949-يىللاردىن كېيىنكى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ساتتار بۇلبۇل ۋە باشقىلاردىن، 1955-1960-يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچكەن زىيا سەمەدى، دولقۇن ياسىن قاتارلىق 100 لىگەن ئەدىبلەردىن، 1980-يىللاردىن كېيىنكى غەرب دۇنياسىغا ھىجرەت قىلغان ئەخمەت ئىگەمبەردى، زەينۇرە ئەيسا ۋە باشقىلاردىن، 1990-2000-يىللاردىن كېيىنكى مۇھاجىرەت ھاياتىنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن باشلىغان ئەدىبلەردىن بىر لىنىيە تۈزۈش مۇمكىن. دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن «ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەنە شۇ لىنىيە ئۈستىدە پارلاپ تۇرىدىغان مىللەتپەرۋەر ئەدىبتۇر» دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەخمەت ئىگەمبەردى تاللانما ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ۋە مول مېۋىسىدۇر.

ئەخمەت ئىگەمبەردى، 1936-يىلى گۇچۇڭدا تۇغۇلغان، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كېلىپ ئۈرۈمچىدە ئىككىنچى دارىلمۇئەللىمىنى ۋە ئارقىدىن شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنى، 1957-1962-يىلى تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەن. «تارىم» ژۇرنىلىدا تەھرىر بولغان، ئەمما 1979-1969-يىللىرى «ئەكسىلئىنقىلابچى» دېگەن ئاتالمىش جىنايەت بىلەن 10 يىللىق تۈرمە ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىنى باشتىن كەچۈرگەن، 1985-يىلى ئاۋسترالىيەگە كۆچۈپ كېلىپ ۋەتەنسىزلىك، مۇھاجىرەت ھاياتىنى باشلىغان. ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرى 1954-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرنال «شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئىتى» دە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە رەسمىي كىرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.