ئەخمەت ئىگەمبەردى: مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى (17): ئۈمىدۋارلىققا تولغان ئىستانبۇل قۇرۇلتىيى
2023.06.29

ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 86 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزى شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى ھەققىدىكى ئاغزاكى تارىخىي بايانلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق قىسمىدا ئۆزى مۇھاجىرەتتە شاھىت بولغان ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى ئەڭ زور ۋەقەنىڭ 1992-يىلى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەزكۇر تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق مىللىي قۇرۇلتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ۋە بۈگۈنكى مىللىي سىياسىي كۈرەش پروگراممىلىرىنى بېكىتىش رولىنى ئوينىغانلىقىنى ئەسلىدى.
1992-يىلى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان قۇرۇلتىيىنىڭ بىر زور ئەھمىيىتى شۇكى، بۇ، 1949-يىلىدىن كېيىن چەتئەللەردە چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك چوڭ كۆلەمدىكى قۇرۇلتاي بولۇپ، ئۇنىڭغا 14 دۆلەتتە ياشايدىغان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى قاتناشقان. قۇرۇلتاينىڭ يەنە بىر ئەھمىيىتى شۇكى، بۇنىڭدا 1930-1940-يىللاردىكى ئىككى قېتىم مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشقا قاتناشقان ۋە 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت باش كاتىپى ۋە ھۆكۈمەت ئەزاسى بولغان ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى قوماندانلىرىدىن پولكوۋنىك زىيا سەمەدى ۋە باشقا ئوفىتسېرلارنىڭ ئورۇن ئېلىشى ئىدى.
بۇ تارىخىي جەھەتتىن 1940-يىللاردا ئۇيغۇر سىياسىي كۈرەش سېپىدە « ئۈچ ئەپەندى» دەپ ئاتالغان مەسئۇد سەبىرى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ سەپدېشى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ قۇرۇلتاينى تەشكىللەش ۋە رەھبەرلىك ئورنىدا بولۇشى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى يولىدا ھەر خىل سىياسىي كۆز قاراش، مەيدان، ئۇسسۇل ۋە باشقا ھەر جەھەتتىن پەرقلىق كۆز قاراشلارغا ئىگە زاتلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئورتاق بىر نىشان ۋە پروگراممىنى بېكىتىشى ئىدى.
ئىستانبۇل قۇرۇلتىيى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ كۆپلىگەن يېڭى دۆلەتلەر دۇنياغا كەلگەن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا يېڭىدىن 5 مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار زور ئىلھام ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكىگە نىسبەتەن ئىشەنچ تۇرغۇزغان، خەلقئارادا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، دۇنياۋى يېڭى تەرتىپ ئورنىتىلىپ، دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى غالىبىيەتكە يۈزلەنگەن بىر دەۋر ئىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ تېخى خىتاي بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورناتمىغان باسقۇچ بولۇپ تۈركىي مىللەتچىلىك، پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنى بىر ئورتاق سىياسىي ۋە مىللىي قىممەت قاراشلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈش كۈچىيىۋاتقان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارمۇ تېخى پۈتۈن ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىك ئەللەردە دىئاسپورا ھالىتىگە كەلمىگەن بولۇپ، ناھايىتى ئاز ساندا تارقاق ھالدا ئىدى. لېكىن، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب مەملىكەتلىرىگە تارقىلىشى تېزلەشتى ھەمدە تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشقا باشلىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئىستانبۇل قۇرۇلتىيىدا رەئىسلىككە سايلانغان ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئىستانبۇل قۇرۇلتىيى ئۆزىنىڭ 12 ماددىلىق خىتابنامىسى، يەنى سىياسىي پروگراممىسى ئارقىلىق قۇرۇلغۇسى تەشكىلاتلار، جەمئىيەتلەر ۋە ھەرىكەتلەر ئۈچۈن ئاساس سېلىش، يول كۆرسىتىش رولىنى ئوينىدى. بۇ قۇرۇلتاي ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ئۈمىدۋارلىق روھى بەخش ئەتتى.