ئەخمەت ئىگەمبەردى: مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى: مەن تاشكەنتتە غېنى باتۇرنى كۆرگەن (19)
2023.09.21

ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 86 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزى شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى ھەققىدىكى ئاغزاكى تارىخىي بايانلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق قىسمىدا 1950-يىللاردا تاشكەنتتە ئوقۇش جەريانىدا غېنى باتۇر قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلارنى كۆرگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ قالدۇرغان تەسىرلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، 1955-يىلىدىن باشلاپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كېلىپ ئورۇنلىشىشقا باشلىغانىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە غېنى باتۇر باش بولۇپ، خېلى كۆپ ئۇيغۇرلار ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىگە يەرلەشكەن ئىدى. 1958-1962-يىللىرى ئارىسىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار دائىم تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۇرۇۋاتقان يەرگە كېلىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى غېنى باتۇر، ئاسىم باقى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىنقىلاب ھاياتى، ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدىكى تەسىراتلىرى ۋە باشقىلار ھەققىدە سۆزلەپ بېرەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1950-يىللاردا تاشكەنتكە ئۈچ تۈركۈمدە 108 ئوقۇغۇچىنى ئوقۇشقا ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغانىدى. يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار موسكۋا ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇدى. ئەخمەت ئىگەمبەردى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇنچە كۆپ ئۇيغۇرلارنى ئوقۇشقا ئەۋەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.