100 يىلغا تەڭ 70 يىللىق ئىجادىيەت: ئەخمەت ئىگەمبەردى تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ دۇنياغا كېلىشى
2024.03.14
چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ باش بولۇپ رەتلەپ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 88 ياشلىق پېشقەدەم ئەدىب، شائىر، 1940-يىللاردىن تارتىپ كۈنىمىزگىچە بولغان ئۇيغۇر تارىخىي جەريانلىرىنىڭ شاھىتى، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەر زىيالىيسى ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ 70 يىللىق ئىجادىيىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان تۆت توملۇق تاللانما ئەسەرلىرى رەسمىي نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان مەدەنىي ھاياتىدىكى بۇ يېڭىلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
«ئەخمەت ئىگەمبەردى نىجادىي تاللانما ئەسەرلىرى» ناملىق بۇ تۆت توملۇق توپلامنىڭ 1-تومى ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ 1953-1954-يىلى ئېلان قىلغان تۇنجى شېئىرىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ 1969-1979-يىللىرى ئارىسىدا ئۈرۈمچىدىكى تۈرمە ھاياتى جەريانىدا يېزىپ، پىداكار سەپداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن سىرتقا ئېلىپ چىقىلىپ ساقلىنىپ قالغان بىرقىسىم شېئىرلىرى ۋە تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنكى مۇھاجىرەت ھاياتىدا يازغان شېئىرلىرى، داستانلىرى كىرگۈزۈلگەن. قالغان ئىككى تومغا ئۇنىڭ 1990-يىللاردىن كېيىن يازغان پۇبلىستىكىلىق ماقالىلىرى، ئوچېرىكلىرى ۋە باشقىلار كىرگۈزۈلگەن، يەنە بىر تومى ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ھايات ئەسلىمىلىرىدىن ئىبارەتتۇر.
«ئەخمەت ئىگەمبەردى نىجادىي تاللانما ئەسەرلىرى» دىن ئىبارەت بۇ تۆت توملۇق ئەسەر چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئەدىبلىرى ئارىسىدا بىر شەخسنىڭ تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ مۇنداق چوڭ ھەجىمدە تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنىشىدۇر. ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى: «مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر غۇرۇرلىنىمەن ۋە سۆيۈنىمەن ھەم ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن. چۈنكى نۇرغۇن ئەدىبلىرىمىز، ئالىملىرىمىز يازغان ئەسەرلەر بۇرۇن خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلگەن، يوق قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىشىغا يول قويۇلمىغانىدى. مانا ھازىرمۇ خىتاي كۆپلىگەن شائىر يازغۇچىلىرىمىزنى، تارىخچىلىرىمىز، ئالىملىرىمىزنى تۈرمىلەرگە تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چەكلىدى، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بوغۇپ تاشلىدى ۋە يوقاتتى. مۇنداق ئەھۋالدا مەن ئەركىن ھاياتتا ئۆز ئەسەرلىرىمنى توپلاپ نەشر قىلىشقا مۇيەسسەر بولالمىدىم» دەيدۇ.
ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى يەنە 1978-1979-يىلى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ تۈرمىدە يازغان بىرقىسىم شېئىرلىرىنى قاتتىق جازالاشقا ۋە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، توپلاپ كىتاب ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ئۆزى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئابلىز مۇسا، ئابلىمىت قاتارلىق سەپداشلىرىنى ئەسلىدى ۋە ئۇلارغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ روھلىرىغا دۇئا قىلدى. ئەنە شۇ پىداكارلار خەتەردىن قۇتۇلدۇرغان بىرقىسىم شېئىرلار مانا بۇ توپلامغا كىرگەنىدى.
ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى شېئىرىيەتتىن باشلانغان بولۇپ، ئۇ 1949-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇپ يۈرگەندە شېئىرىيەتكە قىزىققان ھەمدە 1953-يىلى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن ئۇستازلىرى خەمىت سەئىدى، ئابدۇلھەي روزى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. 1954-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى «شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى ژۇرنىلى» دا تۇنجى شېئىرى ئېلان قىلىنىش بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە رەسمىي كىرگەنىدى. مانا بۇ يىل ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە 70 يىللىقى توشتى.
ئەخمەت ئىگەمبەردى شېئىرلىرى ۋە داستانلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مىللىي مەۋجۇدىيەت كۈرىشىگە مۇناسىۋەتلىك مىللىي روھ، مىللىي ئىدىيە، مىللىي قىسمەتلەر كىشىلىك ئارزۇ-ئارمان ۋە غايىلەر بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ پۇبلىتىستىكىلىق ئەسەرلىرى 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن باشلانغان. بۇ، ھەر خىل ئەدەبىي ئوبزور، ئوچېرىك ۋە سىياسىي ھەم مەدەنىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدىكى باھا ۋە ئانالىزلاردىن ئىبارەتتۇر. ئەخمەت ئىگەمبەردى 1980-يىللاردا ئاۋسترالىيەگە كۆچۈپ چىقىپ مۇھاجىرەت ھاياتىنى باشلىغاندىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ئۈچۈن بولغان پائالىيەتلىرىنى ھېچقاچان توختاتمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەدەبىي ۋە پۇبلىتىستىكىلىق ئىجادىيەتلىرى ئەنە شۇ پائالىيەتلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنىدى.
ئەخمەت ئىگەم بەردى ھازىرغىچە 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، «تارىمدىن خەت» ناملىق 3 مىڭ مىسرالىق داستان ۋە 1500 بەت ھەجىمدىكى پۇبلىتىستىكىلىق ماقالە، ئوبزور، ئوچېرىك ۋە باشقىلارنى شۇنىڭدەك چوڭ ھەجىملىك ھاياتلىق ئەسلىمىلىرىنى يېزىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى.
سۆھبەتنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.