ئەخمەتجان قاسىمى تاشكەنتكە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن 30 ئەزىمەت (1)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار تەييارلىدى
2024.05.30
Tashkent-oqughuchi 1947-يىلى تاشكەنتكە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى، 1953-يىلى، تاشكەنت
RFA/Ümidwar

20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن بەتلىرىنىڭ بىرى 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بۇ زىيالىيلارنىڭ كېيىنكى قىسمەتلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلاردۇر.

1944-يىلى 12-نويابىردا غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى 1945-يىلى ئۈچ فىرونت بويىچە ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ خىتاي قوشۇنلىرىنى ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىدىن تازىلاپ چىقىرىش بىلەن تەڭ شۇ يىلى 9-ئايدا مائارىپ ئىشلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلىدى. ھەرقايسى مىنىستىرلىقلار ۋە ئىدارە-ئورگانلارنىڭ خىزمەتلىرىمۇ بارغانسېرى يۈرۈشتى، ۋاھالەنكى، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ھەر ساھە خىزمەتلىرىنى پۇختا ئېلىپ بارىدىغان كەسپىي كادىرلارغا، مۇتەخەسسىسلىرىگە، ئالىي مەلۇماتلىق زىيالىيلارغا بولغان موھتاجلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلماقتا ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا قويغان ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى غۇلجا شەھىرى ۋە باشقا جايلاردا كەسپىي مەكتەپلەر ۋە كۇرسلارنى ئېچىپ كادىرلارنى تەييارلاش، غۇلجىدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىلىم يۇرتى قۇرۇپ مەخسۇس كەسىپلەشكەن مۇتەخەسسىسلەرنى تەربىيەلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا چەت ئەلگە، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىپ ئالىي بىلىم ئەھلىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئىدى. ھەتتا شەرقىي تۈركىستان تەرەپنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن تۈزگەن كېلىشىمى ئاساسىدا قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ پىروگراممىسىغىمۇ ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى چەت ئەللەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش ماددىسىنى قوشقانىدى. لېكىن، جاڭ جىجوڭ باشلىق خىتاي تەرەپ چەت ئەللەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش ئىشىنى ئارقىغا سوزغان ئەھۋال ئاستىدا 1947-يىلىغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدىن بىر تۈركۈم ياشلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەۋەتىش ئۈچۈن دەسلەپتە 20 نەچچە نەپەر ئوغۇل-قىز تاللانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمەتلىرىنى قىلغان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق كۈرەشلىرىگە قاتنىشىپ، مىللىي ئارمىيە سېپىدە جەڭلەرگە قاتنىشىپ سىناقلاردىن ئۆتكەن، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ئىدىيەسىگە ئىگە، تاۋلانغان ياش ئوفىتسېرلار ئىدى.

ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، 1952-1957-يىللىرى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ شۇ يەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋە ئارقىدىن تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى تاشكەنتكە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن ئاشۇ ياشلارنىڭ بىرى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ روتا كوماندىرى تۇرغان ھەسەنوف، يەنى 1950-يىللاردا ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، كۆپلىگەن شاگىرتلارنى تەربىيەلىگەن تۇرغان ھەسەن ئىدى.

 ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئاديۇتانتى ۋە مىللىي ئارمىيەنىڭ پودپورۇچىك ئۇنۋانىدىكى ئوفىتسېرى ياسىن ئىمىن ۋە ئۇنىڭ ئايالى، مىللىي ئارمىيەنىڭ شەپقەت ھەمشىرىسى، ئوفىتسېر شەۋقىيەمۇ شۇلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ھەرەمباغ ۋە شىخو جەڭ مەيدانلىرىدا بولغان ياسىن ئىمىن ۋە ئۇنىڭ ئايالى شەۋقىيە غۇلجىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيە كۆرگەن ياش زىيالىيلاردىن ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى جەڭ مەيدانىدا يارىلانغان. 1947—يىلى 8-ئايلاردا بۇ ئىككى ياش ئوفىتسېر سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا چىقىشقا تاللانغان. ياسىن ئىمىننىڭ قىزى سانىيە خانىم دادىسى ۋە ئانىسىنىڭ تاشكەنتكە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىش ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى تاكى 1949-يىلى 8-ئايغىچە ئىككى تۈركۈمدە تاشكەنتكە ئوقۇغۇچى ئەۋەتكەن بولۇپ، بىرىنچى تۈركۈمدە 20 نەچچە ئادەم، ئىككىنچى تۈركۈمدە 1948-يىلى يەنە 10 نەچچە ئادەم ئەۋەتىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 7-8 نەپىرى قىز ئىدى.

ئەخمەتجان قاسىمى بۇ ياشلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆگىنىشكە تېگىشلىك كەسىپ دائىرىسىنىمۇ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلىپ بەلگىلەپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلاردىن پېداگوگىكا، گېئولوگىيە، مېدىتسىنا، ئاگرونومىيە، ئىنگلىز تىلى كەسپى ۋە باشقىلارنى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلغان. ئەنە شۇ ياشلارنىڭ بىرى ياسىن ئىمىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېئولوگىيە كەسپىدە، ئايالى شەۋىيە ئىنگلىز تىلى كەسپىگە، تۇرغان ھەسەن تاشكەنت پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىغا، ئابلاخان، رۇقىيە قاتارلىق ئىككى كىشى مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىغا يەنە، باشقىلار باشقا ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگەن.

1950-2000-يىللار ئارىسىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان شائىرەلەردىن بىرى راھىلە ھاپىز خانىمنىڭ تۇرغان ھەسەنوف ھەققىدىكى ئەسلىمىسىدە ياسىن ئىمىن ئارخىپى ئارقىلىق ئەخمەتجان قاسىمى تاشكەنتكە ئىككى تۈركۈمدە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى تۇرغۇزۇلغان. ئەلۋەتتە، بۇ تىزىملىككە ھەممە كىشىنىڭ ئىسىم فامىلىسى تولۇق كىرمىگەن بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يەنە ئالمۇتا ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگىمۇ ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەنلەر بار ئىدى.

بۇ ياشلار ھەممىسى تاشكەنتتىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىپ، ئىلگىرى-كېيىن 5 يىل ئوقۇپ، ھەر خىل كەسىپلەر بويىچە ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈرگەن. بۇ ياشلار ئوقۇشىنى تېخىمۇ تىرىشىپ داۋاملاشتۇرۇپ، ھەممىسى 1952-1953-يىللىرى ئارىسىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئۆزبېكىستاندىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان. سانىيە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە دادىسى ياسىن ئىمىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋە ئانىسى شەۋقىيەمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. لېكىن، بۇ ياشلار 1955-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرغاندىن كېيىن، ۋەتىنىگە قايتىپ ھەر ساھەنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇش ئارزۇسىدا بولغان. بۇ ۋاقىتتا ھەم سوۋېت-خىتاي ھەمكارلىقى كۈچىيىپ، سوۋېت رەھبىرى نىكىتا خرۇشوف زور ساندىكى مۇتەخەسسىسلەرنى، ئالىملارنى خىتايغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەندە مانا بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭمۇ ئۈرۈمچىگە قايتىپ بېرىپ سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرى نامىدا خىزمەت قىلىش يولىنى ئاچقان. ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نەچچە ئونلىغان ياش زىيالىي يۇقىرىقى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشقان.

 لېكىن، بۇ زىيالىيلارنىڭ ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنىگە ھەسسە قوشۇش ئارزۇسى ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن كۆپۈككە ئايلاندۇرۇلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.