ئەخمەتجان قاسىمى تاشكەنتكە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن 30 ئەزىمەتنىڭ قىسمىتى (2)
2024.06.13
1947-يىلى ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ئۆز ئالدىغا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 1953-1954-يىللىرى ئارىسىدا ئىلگىرى كېيىن ئاساسلىقى تاشكەنت شەھىرىگە جايلاشقان ئالىي مەكتەپلەرنى تاماملاپ، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات، سانائەت، نەشرىيات ۋە باشقا ئورۇنلارغا خىزمەتكە چۈشتى. لېكىن، 1955-يىلى 10-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەزكۇر ياش زىيالىيلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېلىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ۋەتىنىگە قايتىپ ھەر ساھەنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇش ئارزۇسىدا بولدى. بۇ ۋاقىتتا ھەم سوۋېت-خىتاي ھەمكارلىقى كۈچىيىپ، سوۋېت رەھبىرى نىكىتا خرۇشوف زور ساندىكى مۇتەخەسسىسلەرنى، ئالىملارنى خىتايغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىشنى باشلىغانىدى. ئەنە شۇ قاتاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بۇ ياشلارنىڭمۇ ۋەتىنىگە قايتىپ خىزمەت قىلىشىنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ 30 غا يېقىن زىيالىينىڭ مۇتلەق كۆپى ۋەتىنىگە ئاتلاندى. 1945-1947-يىلى ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ كۆپلىگەن جەڭلىرىگە قاتناشقان ئوفىتسېرلىرىدىن ياسىن ئىمىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېئولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئايالى، مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى شەۋقىيە تاشكەنت چەت ئەل تىللىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئىنگلىز تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەنىدى. بۇ ئەر-ئايال 1955-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ياسىن ئىمىن رەڭلىك مېتال شىركىتىگە خىزمەتكە چۈشۈپ، كان بايلىقلىرىنى قىدىرىش ۋە قېزىش ئىشلىرىدىكى يېتەكچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرگە ئايلاندى. ئايالى شەۋقىيە بولسا مۇتەخەسسىسلەرگە ئىنگلىز تىلىدىن دەرس بەردى. ئەخمەتجان قاسىمى ئوقۇشقا ئەۋەتكەن بۇ ياشلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ، ۋەتىنىگە ۋە مىللىتىگە ھەسسە قوشۇش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغانىدى.
ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان پىروفېسسور سۇلتان ماخمۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ياشلاردىن 7-8 نەپىرى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىغا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى، ئەنە شۇلارنىڭ بىرى تونۇلغان زىيالىي تۇرغان ھەسەنوف ئىدى. تۇرغان ھەسەنوف قاتارلىق بۇ زىيالىيلارنىڭ رولى چوڭ بولۇپ، مەكتەپنىڭ بىلىم ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە رول ئوينىدى.
ياسىن ئىمىن گېئولوگىيە ساھەسىدە يېتەكچى تەتقىقاتچى بولغان بولۇپ، ئۇ، مايتاغ، قارامايدىكى نېفىتلىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ھەسسە قوشقان، ھەتتا ئۇ بۇ نېفىتلىك ھەم شەھەرگە نام بېرىشتە يەرلىك مىللەت تىلىنى ئاساس قىلىش، يەنى ئۇيغۇرچە «مايتاغ»، «قاراماي» ئىسمىنى قوللىنىش جەھەتلەردە چىڭ تۇرغان. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى خاتىرىلىرىدە قالدۇرغان. ئەپسۇسكى، بۇ ياشلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە ھەسسە قوشۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى، سۇلتان ماخمۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 1958-1959-يىلى ئارىسىدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ۋە باشقا ھەرىكەتلەرنى قوزغاپ، ئۇيغۇر رەھبەرلىرى، مىللىي ئاڭغا ئىگە زىيالىيلار ۋە باشقىلارنى كۈرەشكە تارتىپ جازالاش ئېلىپ بېرىشى، بەرگەن ئاپتونومىيە ۋەدىلىرىدىن يېنىپ، تازىلاش ۋە جازالاشنى كۈچەيتىشىدىن كېيىن ئۇلار بىرمۇبىر سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كەتتى.
ھەتتا، 1960-1961-يىلى ئارىسىدا مەزكۇر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بەزىلىرىنى مىللەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ جازالاشقا ئۇچراشقا دۇچ كەلگەن. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ياسىن ئىمىن ئەپەندى بولۇپ، 1961-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش كونسۇلخانىسى بىۋاسىتە ماشىنا ئاجرىتىپ ئۇلارنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.
ئەخمەتجان قاسىمى تاشكەنتكە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن بۇ ئوقۇغۇچىلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تاشكەنت، ئالمۇتا قاتارلىق شەھەرلەردىكى تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئورۇنلىشىپ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى. ياسىن ئىمىن قاتارلىقلار ئۆزبېكىستاندا تونۇلغان ئالىملارنىڭ بىرىگە ئايلاندى ھەتتا غېنى باتۇر قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە تاشكەنتتە ئۇيغۇر جامائەت، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى.
شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ داڭلىق ئوقۇتقۇچىسى تۇرغان ھەسەنوف تاشكەنتتە مائارىپ ساھەسىدە ۋە ژۇرنالىستىكا ساھەسىدە خىزمەت قىلىپ تەقدىرلەشلەرگە ئېرىشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تاشكەنت ۋە ئالمۇتا قاتارلىق شەھەرلەردە ياشاپ ۋە خىزمەت قىلىپ، ئاخىرى ئىلگىرى-كېيىن ۋاپات بولدى.
تەپسىلاتىنى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ