ئەخمەت ئىگەمبەردى: مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى( 6): كۆيدۈرۈلگەن تۇنجى رومان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2022.12.29
ئەخمەت ئىگەمبەردى: «مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى» ( 1) 1950-يىللاردىكى ئەخمەت ئىگەمبەردى قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە يازغۇچىلىرى. «تارىم» ژۇرنىلى. 1961-يىلى، ئۈرۈمچى.
Photo: RFA

ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 87 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەر زىيالىيسى، ئاتاقلىق شائىر كۆپلىگەن تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئۆز ھايات قىسمەتلىرىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1957-1958-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش قاتارلىق بىر يۈرۈش سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە 10 يىللىق ھاياتىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن.

ئۇ، 1960-يىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تونۇلغان سىياسىي ئەربابى، 1940-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ۋە ئاتاقلىق ئەدىب ئىبراھىم تۇردىنىڭ «يەرلىك مىللەتچى» دەپ جازالىنىپ، ئۇنىڭ يازغان رومانىنىڭ كۆيدۈرۈلۈپ يوقىتىۋېتىلگەنلىكىگە شاھىت بولغان.

ئىبراھىم تۇردىنىڭ مەزكۇر كۆيدۈرۈۋېتىلگەن رومانى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 20-ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن بىرىنچى رومانلىرىدىن ھېسابلىناتتى. ئەخمەت ئىگەمبەردى بۇ قېتىملىق سۆھبىتىدە ئەنە شۇ جەريانلارنى بايان قىلدى.

يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن سۆھبەتنى تولۇق ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.