تۈركىيە ھۆكۈمىتى چىقارغان 36 - نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.12.21
hamut-gokturk-ependi.jpg «ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى» دا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى، ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى. 2013-يىلى 24-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim


1997 - يىلى غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دۆلەت رەئىسى جىياڭ زېمىن، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى لى پېڭ قاتارلىق رەھبەرلەر ئارقا - ئارقىدىن تۈركىيەنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەسئۇت يىلماز باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بىرلەشمە ھۆكۈمەت 1998 - يىلى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى 36 - نومۇرلۇق مەخپىي ھۆججەتنى چىقىرىپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن ئىدى.

ئۇشبۇ ھۆججەتتە يىغىنلاردا كۆكبايراق ئېسىش، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ، دۆلەت كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى مەنىي قىلىنغان ئىدى. 2009 - يىلى مەيدانغا كەلگەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن 2010 - يىلى 9 - ئايدا مەزكۇر ھۆججەت تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىكار قىلىندى. ئۇنداقتا 1998 - يىلىدىن 2010 - يىلىغىچە بولغان 12 يىل ئىچىدە بۇ ھۆججەت تۈپەيلى نېمىلەر بولدى؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئۇيغۇر خەۋەر توربېتىنىڭ ساھىبى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.