«ئۇيغۇر ئالىملىرى قامۇسى» دىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئالىملىرى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار تەييارلىدى
2025.01.16
Uyghur-Alimliri-tusinay-teyipowa
Photo: RFA

يېقىندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى زور بىر يېڭىلىق سۈپىتىدە قازاقىستاندىكى مىر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر ئالىملىرى قامۇسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتاب نەشر قىلىندى.

رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا ئارىلاش شەكىلدە تەييارلانغان مەزكۇر قامۇس مەخسۇس ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ قىسقىچە ئىلمىي ئىجادىي ھاياتىغا بېغىشلانغان.

قامۇسنى نەشرگە تەييارلىغۇچى 1942-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1961-يىلى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقاندا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىپ، قازاقىستانغا يەرلىشىپ، ياركەنت، ئالمۇتا شەھەرلىرىدە ئۇزۇن يىللار ئوقۇتقۇچىلىق ۋە مەدەنىيەت-مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلغان مەدەنىيەت ئەربابى تۇرسۇنئاي تېيىپوۋا خانىمدۇر.

ئالمۇتا شەھىرىدە ئۇزۇن يىللار ئوقۇتقۇچىلىق ۋە مەدەنىيەت-مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلغان مەدەنىيەت ئەربابى تۇرسۇنئاي تېيىپوۋا خانىم.
ئالمۇتا شەھىرىدە ئۇزۇن يىللار ئوقۇتقۇچىلىق ۋە مەدەنىيەت-مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلغان مەدەنىيەت ئەربابى تۇرسۇنئاي تېيىپوۋا خانىم.
RFA/Ümidwar

تۇرسۇنئاي تېيىپوۋا خانىم كۆپ يىللار مەدەنىيەت-مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلىش، جەمئىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش جەريانىدا كۆپلىگەن ھەر مىللەت ئالىملىرى، زىيالىيلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئالىم-زىيالىيلىرى بىلەن تونۇشقان ۋە ئۇنىڭدا مەخسۇس ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئىلمىي ھايات پائالىيەتلىرىنى توپلاپ بىر قامۇس تەييارلاش ئىستىكى قوزغالغان. نەتىجىدە، ئۇ ئالدى بىلەن قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە باشقا ئەللەردىكى 170 نەپەر ئۇيغۇر ئالىمەسىنىڭ تەرجىمىھالىنى توپلاپ، «ئۇيغۇر ئالىمەلىرى» ماۋزۇسىدا ئالمۇتا كىتاب نەشر قىلدۇرۇپ تارقاتقانىدى. مانا بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىمدا مەخسۇس چوڭ ھەجىملىك ئۇيغۇر ئالىملىرى قامۇسىنى تەييارلاشنىڭ ئاساسى بولغان. تۇرسۇنئاي تېيىپوۋا خانىم ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئەسەرنى تەييارلاش ئىرادىسىگە كېلىشتىكى تۈپ مەقسىتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

ئۇ، دۇنيا يۈزىدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئىجادىي ھاياتى ھەققىدە ماتېرىيال توپلاشنىڭ نەقەدەر مۈشكۈل ئىش ئىكەنلىكى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئىلگىرى چىققان بىر قىسىم بۇ ھەقتىكى كىتابلاردىن باشقا يەنە ئۆز ئالدىغا كۆپ ماتېرىياللارنى توپلىغانلىقىنى بىلدۈردى

پېشقەدەم ئۇستاز تۇرسۇنئاي تېيىپوۋا (ئوڭدىن بىرىنچى)نىڭ «ئۇيغۇر ئالىملىرى» ناملىق ئېنسىكلوپېدىيە كىتابى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە لېنتا كېسىش مۇراسىمى. 2024-يىلى 30-نويابىر، ئالمۇتا.
پېشقەدەم ئۇستاز تۇرسۇنئاي تېيىپوۋا (ئوڭدىن بىرىنچى)نىڭ «ئۇيغۇر ئالىملىرى» ناملىق ئېنسىكلوپېدىيە كىتابى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە لېنتا كېسىش مۇراسىمى. 2024-يىلى 30-نويابىر، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

«ئۇيغۇر ئالىملىرى قامۇسى» نىڭ ئۆزگىچە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭغا 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئىلىم-پەن ساھەسىدە مەيدانغا چىققان تۇنجى ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىلمىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئالىملار كىرگۈزۈلگەن. «ئۇيغۇر ئالىملىرى قامۇسى» نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، ئالمۇتىدىكى ئاتامۇرا نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مالىك مۇھەممەدىنوف ئەپەندى مەزكۇر قامۇسنىڭ ھەقىقەتەن كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مالىك مۇھەممەدىنوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، قامۇستىن ئورۇن ئالغان بىر قىسىم ئالىملارنىڭ تەرجىمىھالى تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇلار ئاللىبۇرۇن ۋاپات بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئىلىم تارىخىدا مۇھىم ئىز قالدۇرغاندۇر.

ھەقىقەتەن، ئۇيغۇرلاردا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېڭىچە مائارىپ ھەرىكىتى باشلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىن مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەرگە بېرىپ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ئەنە شۇلارنىڭ دەسلەپكى ۋەكىلى سۈپىتىدە مەسئۇد سەبىرى بايقوزىنى مىسال كۆرسىتىش مۇمكىن، ئۇ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلدا ئون يىللار ئالىي مەلۇماتلىق بولۇپ، مەخسۇس مېدىتسىنا ساھەسىدە ئوقۇپ، 1914-يىللىرى ئارىسىدا دوكتور ئۇنۋانى ئالغانىدى. شۇڭا ئۇ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن تارىخىدىكى بىرىنچى دوكتوردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا 20-ئەسىرنىڭ 20-30-40-يىللىرى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار موسكۋا، لېنىنگراد، باكۇ، تاشكەنت، ئالمۇتا شەھەرلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرىنچى ئالىملار، ئۇنىۋېرسىتېت دوتسېنت-پىروفېسسورلىرى يېتىشىپ چىقتى. مەسىلەن، 1930-يىللاردا بۇرھان قاسىموف، ئۆمەر قاسىموف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى ۋە باشقىلار تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دوتسېنت-پىروفېسسورلىرى بولغانىدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تۇنجى تارىخشۇناسلىق ئىلمى دوكتورى ئەرشىدىن ھىدايەتوف، 1939-يىلى موسكۋادا تارىخ پەنلىرى كاندىدات دوكتورى بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن 1940-يىللاردا ئابدۇمېجىت روزىباقىيېف ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىرىنچى بىيولوگىيە ئىلمى كاندىدات دوكتورى بولدى. ئايشەم شەمىيېۋا تىلشۇناسلىق بويىچە 1945-يىلى تۇنجى كاندىدات دوكتور بولغان ئۇيغۇر ئالىمەسى ئىدى، بۇلاردىن باشقا يەنە بىرمۇنچە ئۇيغۇرلار 1950-يىلىغىچە تارىخ، ئارخېئولوگىيە، ماتېماتىكا، خىمىيە، مېدىتسىنا ۋە باشقا ھەر خىل كەسىپلەر بويىچە ئالىملاردىن بولۇپ يېتىشكەن. ئەخمەت كىبىروف ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان بىرىنچى ئارخېئولوگىيە ئالىمى بولۇپ، ئۇ 1949-يىلى تارىخ كاندىدات دوكتورىلىق دىسسېرتاتسىيەسى ياقىلىغان.

قازاقىستاندىكى مىر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئۇيغۇر ئالىملىرى قامۇسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابنىڭ مۇقاۋىسى
قازاقىستاندىكى مىر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئۇيغۇر ئالىملىرى قامۇسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابنىڭ مۇقاۋىسى
RFA/Ümidwar

تېخنىكا پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور تېلمان كەرىمبايېف 1960-1990-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتىلا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالەم تېخنىكىسى ساھەسىدىكى يېتەكچى ئالىملاردىن بولغان ئىدى. يادرو فىزىكىسى ئالىمى، ئۆزبېكىستاندا تونۇلغان ئالىملاردىن پىروفېسسور ئابدۇرېشىت ئەلىيېف، ئاكادېمىك يار مۇھەممەد مۇبارەكوف، دەمىر ساتتاروف، موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئالېكساندىر رەخىموف، يەر تەۋرەش ئىلمى ئالىمى پىروفېسسور ئابلىز ئابدۇللايېف، تارىخ ئىلمى پىروفېسسورى ئابلەخەت خوجايېف، فىلولوگىيە ئىلمىي پىروفېسسورلىرى غوجاخمەت سادۋاقوسوف، تۇغلۇقجان تالىپوف، تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف، پەلسەپە ئىلمىي پىروفېسسورى، ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېف، مۇزىكا ئىلمى پىروفېسسورلىرى، مەشھۇر كومپوزىتورلار قۇددۇس غوجامياروف ۋە ئەزىز دۇگاشېف، 28 يېشىدا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئەڭ ياش ئالىم سۈپىتىدە مەشھۇر بولغان فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور مۇرات ھەمرايېف ھەم باشقا ئونلىغان پېشقەدەم ياكى مەرھۇم بولغان ئالىملار بۇ كىتاب ئارقىلىق قايتىدىن ئەسلىنىلىدۇ.

مانا بۇ قامۇس ئارقىلىق ئەنە شۇ ئۆتكەن ئەسىردە ئۆتكەن ۋە بۈگۈنكى ئەسىرىمىزدە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئالىملارنىڭ كۆپىنىڭ ئىجادىي ھاياتى بىلەن تونۇشۇش مۇمكىن.

قامۇسنىڭ يەنە بىر ئۆزگىچىلىكى شۇكى، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئالىمەلىرىنىڭ سانى زور سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن دۇنيا يۈزىدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى تەركىبىدە ئاياللارنىڭمۇ كۆپ قىسىمنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، ھەتتا ئايال ئالىمەلىرىنىڭ ئىلىم-پەننىڭ كۆپلىگەن ساھەلەردە يېتەكچى مۇتەخەسسىسلەر قاتارىدا سانالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. مەسىلەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە نامى تونۇلغان مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور مەرھۇم ساھىبجامال قارىبايېۋا، ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور مەرھۇم قاپىيە ئابدۇللايېۋا، ئۆزبېكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە تونۇلغان مۇزىكانت ۋە سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرى پىروفېسسورى مەرھۇم شاھىدە شاھىمەردانوۋا شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ تونۇلغان مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى ئادالەت قاسىم، ئامېرىكادا ئوقۇپ يېتىشىپ مۇھىم دۆلەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ياش خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي سىياسەت ئىلمى دوكتورى ئەلنىگار ئىلتەبىر قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق ئالىمەنى مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىش مۇمكىن.

ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر ئالىملىرى قامۇسىنىڭ تېخىمۇ تولۇق نۇسخىسىنى تەييارلاش تېخىمۇ جاپالىق ئەمگەكتۇر، ئەگەردە پۈتۈن ئالىملارنىڭ تەرجىمىھالىنى توپلىغاندا 653 نەپەر دېگەن بۇ سان يەنە بىر قانچە ھەسسىگە كۆپىيىشى مۇمكىن. لېكىن، مەزكۇر تۇنجى قەدەمنى بېسىپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن يول ئاچقۇچى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ياشانغانلىقى ۋە تەن-سالامەتلىكىگە قارىماي، جاپالىق ئەمگەك سىڭدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئالىملىرى قامۇسىنى يورۇققا چىقارغان 83 ياشلىق تۇرسۇنئاي تېيىپوۋا خانىمغا ئاپىرىن ئوقۇماي مۇمكىن ئەمەس!

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.