نارىمان قۇربانوفتىن مەخمۇت ئۆمەروفقىچە: دۇنيا ئولىمپىك تارىخىدىكى ئۈچ ئۇيغۇر چېمپىيون

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار تەييارلىدى
2024.08.15
nariman-sabirjan-roziyef-mexmut-omerof.jpg (سولدىن) دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن ۋە ئولىمپىكتە كۆمۈش مېدال ئالغان نارىمان قۇربانوف، ئولىمپىكتە كۈمۈش مېدال ئالغان سابىرجان روزىيېف ۋە ئولىمپىكتە كۈمۈش مېدال ئالغان مەخمۇت ئۆمەروف.
Photo: RFA

دۇنيا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، مۇسابىقە تۈرى ئەڭ كۆپ ۋە قاتناشقان دۆلەتلەر ھەمدە تەنھەرىكەتچىلەر سانى ئەڭ كۆپ بولغان خەلقئارالىق مۇسابىقىدۇر. ئۇيغۇرلارمۇ بۇ مۇسابىقىلەردە زور نەتىجە ياراتقان خەلقلەردىندۇر.

يېقىندا فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش مېدال ساھىبلىرى قاتارىدىن بىر ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىسى ئورۇن ئېلىش بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ مەزكۇر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرلا قاتنىشالايدىغان خەلقئارالىق ئالىي مۇسابىقە تارىخىدا ئۆز ئورنىنى يەنە بىر قېتىم تىكلىدى. ئۇ بولسىمۇ، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گىمناستىكىچى، 26 ياشلىق نارىمان قۇربانوفتۇر. نارىمان قۇربانوف 3-ئاۋغۇست كۈنى ئولىمپىكنىڭ گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە «ياغاچ ئاتتا ماھارەت كۆرسىتىش» تۈرىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ ئىرېلاندىيەلىك ماھىرغا ئازغىنا كەم نومۇر بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئىككىنچى ئورۇننى، ئامېرىكالىق ماھىر ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەنىدى. دېمەك، دۇنيا گىمناستىكا تارىخىدا ئىرېلاندىيە، قازاقىستان ۋە ئامېرىكادىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئەڭ كۈچلۈكلەر ھېسابلاندى. لېكىن، نارىمان قۇربانوف، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئولىمپىكتە ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈش غايىسىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. ئۇ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ، رۇس تىلىدا: «ئەلۋەتتە، ھازىر مەن ئازراق ئارام ئېلىشنى پىلانلاۋاتىمەن، كېلەر پەسىلدىن باشلاپ، كېيىنكى ئولىمپىك دەۋرى بويىچە، مەن كېلەركى قېتىمدا لوس-ئانجېلېستا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىۋاسىتە تەييارلىق قىلىمەن. ئەلۋەتتە، مەن ئۇ يەرگە بېرىپ ھەر خىل مۇكاپاتلارنى تالىشىشنى خالايمەن» دېدى.

ئالمۇتىدا ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان نارىمان قۇربانوف 6 يېشىدىن باشلاپ دادىسى، تىرېنېر ھۈسەنجان قۇربانوفنىڭ تەربىيەلىشىدە گىمناستىكا بىلەن شۇغۇللىنىپ ھازىرغىچە كۆپ قېتىم خەلقئارالىق گىمناستىكا مۇسابىقىلىرىدە چېمپىيون بولغان شۇنىڭدەك خەلقئارا گىمناستىكا ساھەسىدە «قۇربانوف ماھارەت تۈرى» نامىدا ھەرىكەت ياراتقانىدى.

نارىمان قۇربانوفنىڭ بۇ زور ئۇتۇقى، نۆۋەتتە قازاقىستان ئۈچۈن قولغا كەلتۈرۈلگەن شان-شەرەپ بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىمۇ خۇشال قىلغان شان-شەرەپ دەپ قارالماقتا. چۈنكى، نارىمان قۇربانوف قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئولىمپىكتە لەپىلدەتتى ۋە قازاقىستاننى گىمناستىكا بويىچە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزدى. «لېكىن، ئۇنىڭ نەتىجىسى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە روھلاندۇردى ۋە ئۈمىدلەندۈردى»، دەيدۇ قازاقىستاندىكى تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى پىروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف.

نارىمان قۇربانوف بىلەن دۇنيا ئولىمپىك مۇسابىقىسى تارىخىغا ئۈچ ئۇيغۇر چېمپىيون ئۆز ئىسىملىرىنى يازدى، نارىمان قۇربانوف 1956-يىلىدىن ئېتىبارەن ئولىمپىكتە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن 3-ئۇيغۇر.

رۇس تىلىدىكى «20-ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئالمۇتادا ياشايدىغان پىروفېسسور ئابدۇللاجان سامساقوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئولىمپىك تارىخىدا بىرىنچى قېتىم چېمپىيونلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر مەخمۇت ئۆمەروفتۇر.

1950-يىللاردا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە قارغا ئېتىش چېمپىيونى بولغان مەخمۇت ئۆمەروف 1956-يىلى، مېلبورندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە سوۋېت كوماندىسى ئەزاسى سۈپىتىدە قاتنىشىپ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. مېلبورن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى 37 ئالتۇن مېدال، 29 كۈمۈش، ئامېرىكا 32 ئالتۇن مېدال، 25 كۈمۈش ئالغانىدى.

1960-يىلى رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە مەخمۇت ئۆمەروف يەنە بىر قېتىم قارىغا ئېتىش بويىچە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. لېكىن، سوۋېت تەرەپ ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ئايرىم باھالاپ، چېمپىيون دەپ تونۇغان. ئۇيغۇر پەرزەنتى مەخمۇت ئۆمەروف 1956-ۋە 1960-يىلى بۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەندە بۇ قېتىمقى پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە مېدال سانى ئامېرىكادىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندىكى خىتاي ئۇ چاغلاردىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمىغان ۋە بىرمۇ خىتاي تەنھەرىكەتچى نەتىجىگىمۇ ئېرىشەلمىگەنىدى، ئەمما 1960-يىلىدىكى ئولىمپىكتە پەقەت تەيۋەنلىك بىر تەنھەرىكەتچى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىپ خىتايلارنىڭ ئولىمپىكتە مېدال ئېلىش تارىخىنى باشلىغانىدى.

مەخمۇت ئۆمەروف 1956-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قارىغا ئېتىش بويىچە ئالتە قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى چېمپىيونى، ياۋروپا چېمپىيونى، دۇنيا چېمپىيونى بولغان. ئۇ، 1955-1961-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارىغا ئېتىش ساھەسى بويىچە چېمپىيونلۇق سالاھىيىتىنى ساقلىغان بولۇپ، پەقەت ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنلا چېمپىيونلۇق شەرىپى باشقىلارغا مەنسۇپ بولغان ئىدى. مەخمۇت ئۆمەروف 1924-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە كىچىكىدىن ئۇيغۇر ۋە رۇس تىلىنى ياخشى بىلىپ چوڭ بولغانىدى. مەخمۇت ئۆمەروف ئۇستا سازەندە بولۇپ، دۇتار چېلىپ، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىشقىمۇ ماھىر بولغان ئىدى.

ماخمۇت ئۆمەروف 1941-يىلى لېنىنگرادتا مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقاندا سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ھەربىي سەپتە قارىغا ئېتىش ماھىرلىقى بىلەن داڭ چىقارغان. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى مەخمۇت ئۆمەروف لېنىنگراد ھەربىي مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولۇپ، شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى بولۇپ خىزمەت قىلغانىدى. شۇنىڭدەك ئۇ قارىغا ئېتىش ماھىرى سۈپىتىدە تەنھەرىكەت ئىشلىرىنىمۇ تەڭ داۋاملاشتۇرغانىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى دۇنيا چېمپىيونى ۋە تۇنجى مېدىتسىنا دوكتورى ھەم پىروفېسسورلىرىدىن بىرى مەخمۇت ئۆمەروف 1961-يىلى، 37 يېشىدا لېنىنگراد، يەنى ھازىرقى سانكىتپېتېربۇرگ شەھىرىدە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ نامى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيەنىڭ ئولىمپىك ۋە دۇنيا چېمپىيونلىرى ئۈچۈن ھازىرلانغان كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدىن ئورۇن ئالغان.

ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئىككىنچى ئولىمپىك چېمپىيونى، 1980-يىلىدىكى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە قىلىچۋازلىق بويىچە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن ئۆزبېكىستانلىق سابىرجان روزىيېفتۇر. سابىرجان روزىيېف قىلىچۋازلىق تۈرى بويىچە ئىككى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى چېمپىيونى، ئۈچ قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولغانىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان بوكس چېمپىيونلىرىدىن ئاسىيا ۋە خىتاي بوكس چېمپىيونى ئابدۇراخمان ئابلىكىم تۇنجى بولۇپ خىتاي كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە 2000-يىلىدىكى سىدنېي ئولىمپىكىگە، خىتاي ۋە ئاسىيا بوكس چېمپىيونى مەمەت تۇرسۇن چوڭ 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ۋە 2012-يىلىدىكى لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقانىدى. گەرچە، ئۇلار ئولىمپىكتە نەتىجە قازىنالمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئولىمپىك روھى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىغا زور ئىلھامبەخش كۈچ بولغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.