ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەلگەن خەلقمۇ؟
2024.06.27
ئۇيغۇرلار 1949-يىلىغىچە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى ئاھالىسىنىڭ %80 كە يېقىن قىسمىنى، خىتايلار ئاران %5 نى تەشكىل قىلغان، ئۇيغۇرلار جەنۇبىي ۋىلايەتلەردە بولسا 90 نەچچە پىرسەنت، خىتايلار بولسا ئىنتايىن ئاز ساندا ئىدى. مانا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى چەكلەش دەرىجىسىگىچە يەتكەندىن باشقا «شىنجاڭدا 56 مىللەت بار، ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى» ھەمدە «جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەن تەرغىباتنى كۈچەيتىپ سىڭدۈرمەكتە. بۇلا ئەمەس، پۈتۈن تارىخنى قايتا يېزىپ چىقىش ۋە قايتىدىن بېكىتىشكە كىرىشكەن بولۇپ، ھەتتا 2019-يىلى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارىياتى مەخسۇس «شىنجاڭ تارىخى ھەققىدە بىرقانچە مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدا قەدىمدىن تارتىپ خەنزۇلار ياشىغان، ئۇيغۇرلار 9-ئەسىردە كۆچۈپ كەلگەن ۋە ئۇيغۇرلار كۆچۈش ھەم يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن، خەنزۇلار ئۇيغۇرلاردىن بۇرۇنقى شىنجاڭنىڭ ئەسلى ئاھالىسى، ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ باغلىنىشى يوق، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان مۇستەقىل دۆلىتى بولمىغان، خەن دەۋرىدىن تارتىپ شىنجاڭنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئىدارە قىلغان، خىتاي تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ كەلگەن دېگەنلەرنى رەسمىي سىياسەت شەكلىدە مۇقىملاشتۇردى. ئۇنداقتا ئەگەر 2 مىڭ يىللار ئىلگىرى «شىنجاڭ» دا خىتايلار ياشىغان ۋە بۇ جاي ئۇلارنىڭ يېرى ھەم خىتاي مەدەنىيىتى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان بولسا، نېمە ئۈچۈن تاكى 70 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقىچە بۇ رايوندا خىتايلار ئاران %5 نى، تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى شۇنچە كۆپ زېمىندا نوپۇسى ئاران 9-10 مىڭ ئادەم بولىدۇ؟ ئۇلار 2 مىڭ يىلدىن بۇيان نەگە كەتتى؟ ئەگەر ھەقىقەتەن، شۇنداق بولسا بۇ زېمىن 2 مىڭ يىل جەريانىدا نېمىشقا خىتايلىشىپ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدەك بولمىدى؟ ھەتتا يەنە خىتاي ئاق تاشلىق كىتابىدا ئۇيغۇرلار 9-ئەسىردە موڭغۇلىيەدىن كۆچۈپ كېلىپ، بۇ جايدىكى شۇلېلىقلار (قەشقەرلىكلەر) ، كۈسەنلىكلەر (كۇچالىقلار) ۋە تۇرپاندىكى خەنزۇلارنى ئۆزىگە يۇغۇرۇپ شەكىللەندى دېگەندەك كۆز قاراشلار مۇقىملاشتۇرۇلغان. ئومۇمەن، ئۇيغۇرلار بۇ زېمىنغا باشقا ياقتىن كېلىپ ماكانلاشقان كۆچمەن خەلق، خىتايلار (خەنزۇلار) بۇ جاينىڭ ئۇيغۇرلاردىن بۇرۇنلا ياشاپ كەلگەن ئاھالىسى دېگەن ئىدىيە تەرغىب قىلىنغان. بۇ، تارىخىي رېئاللىق ۋە تارىخىي تەرەققىيات جەريانلىرىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا ئۇيغۇر خەلقى قەتئىي تۈردە «ياق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. تارىخچىلارمۇ شۇنداق قاراشتا. بۇ ھەقتە ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچى تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور، تارىخشۇناس ئابلەت خوجايېف ۋە تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئۆز قاراشلىرى بىلەن توختىلىپ ئۆتتى.
پىروگرامما تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ