پىروفېسسور ئابلەت خوجايېف: ئۇيغۇرلارنىڭ ئوق-يىلتىزى، يەنى تۈپ ئېتنىك مەنبەسى يۈئېجى-ئوغۇزلاردۇر
2024.02.08

ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچى تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور، تارىخ پەنلىرى دوكتورى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدە تاماملىغان، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە موسكۋادا تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئۆمۈر بويى خىتاي تارىخ مەنبەلىرى بويىچە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار تارىخىنى تەتقىق قىلغان ئابلەت خوجايېف ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى ئۇيغۇرلار ئېتنىك جەھەتتىن پەيدا بولغان ۋە راۋاجلانغان ئاساسلىق جايدۇر. ئۇ، قەدىمكى خىتاي تارىخىي مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنغان نەچچە ئونلىغان قەبىلىلەر ئىچىدە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىرلەرگە تۇتاشقان يۈئېجى ياكى كېيىنكىلەر ياۋچى دەپ ئاتىغان قەبىلىنىڭ «ئوغۇز»، «ئوغۇزىيە» سۆزىدىن كېلىپ چىققانلىقى ۋە بىۋاسىتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر سۆزى بىلەن ئوغۇز سۆزى ئوخشاش بولۇپ، بۇ ئىككىسى ئەسلى بىر خەلقتۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، گەرچە يۈئېجىلارنىڭ خىتاي مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلگەن ۋاقتى مىلادىدىن ئىلگىرى 3-ئەسىرلەرگە تۇتاشسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۇنىڭدىن يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىلا مەۋجۇت ئىدى.
ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ تارىخى ئاقتاشلىق كىتابى» دىكى ۋە خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە كېلىپ چىقىش تارىخىنى قىسقا كۆرسىتىش ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىپ، پەقەت «9-ئەسىردە شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن» دېگەن يەكۈنلەرنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىققان ۋە بۈگۈنكى زامان مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن زېمىننىڭ بىۋاسىتە ئۇيغۇر دىيارى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، كۆز قاراشلىرىنى خىتاينىڭ قەدىمدىن داۋاملاشقان تارىخىي ئەسەرلىرى، تارىخىي مەنبەلىرىدىكى مەلۇماتلارغا تايىنىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
81 ياشلىق پىروفېسسور ئابلەت خوجايېف، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت 20 دىن ئارتۇق كىتاب ۋە كۆپ ساندىكى ماقالىنىڭ ئاپتورلىرى، ئۇ ئەسەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپىنى رۇس تىلىدا يازغان ۋە موسكۋا ھەم تاشكەنتتە رۇس تىلىدا نەشر قىلغان. ئۇ، 1990-يىللاردا ئۆزبېكىستاننىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە خادىمى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىپ، كۆپ تارىخ ماتېرىياللىرىنى توپلىغانىدى.