سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن ئۇنىڭ 13 ياشلىق قىزىمۇ خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىش خەۋپىدە قالغان
2022.04.05

2020-يىلى 11-ئايدا ھەمدۇللا ۋەلى ۋە نۇمۇھەممەت روزى ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان سەئۇدى ئەربىستان ھۆكۈمىتى، ئۇتكەن ھەپتە مەككەدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن ئۇنىڭ 13 ياشلىق قىزىنىمۇ تۇتقۇن تۇتقۇن قىلغان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئانا بىلەن قىز ھەمدۇللا ۋەلى ۋە نۇرمۇھەممەت روزىغا قوشۇپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى خەۋپىدە قالغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 4-ئاپرېل ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى جىددىىي چاقىرىقىدا، بۇخەلچەم ئابلا ۋە ئۇنىڭ 13 ياشلىق قىزىنىڭ 31-مارت پەيشەنبە كۈنى مەككەدە تۇتقۇن قىلىنىپ، مۇساپىرلارنى قايتۇرۇش مەركىزىگە قامالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇخەلچەم ئابلانىڭ دوستلىرى ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا سەئۇدى ساقچىلىرى بۇخەلچەم ئابلاغا ئۇلارنىڭ ھەمدۇللا ۋەلى ۋە نۇرمۇھەممەت روزىغا قوشۇلۇپ خىتايغا يوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇخەلچەم ئابلا، نۇرمۇھەممەت روزىنىڭ بۇرۇنقى ئايالى بولۇپ، نۇرمۇھەممەت روزى 2020-يىلى 11-ئايدا تۈركىيەدىن ئۆمرە ھەجگە كەلگەن ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى داھبان تۈرمىسىگە قامالغان ئىككەيلەن يېقىندا سەئۇدى پايتەختى رىيادقا يۆتكەپ كېتىلگەن بولۇپ، بۇ ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ تۈركىيەدىكى ئائىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئۇلارنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.
ھەمىدۇللا ۋەلىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق كىچىك قىزى نۇرئىمان ھەمدۇللانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇخەلچەم ئابلا بىلەن بولغان ئالاقىسى 31-مارتتىن باشلاپ ئۈزۈلۈپ قالغان. نۇرئىمان ھەمدۇللا 5-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇخەلچەم ئابلانىڭ قىزى بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، مەككە ئەتراپىدىكى مۇساپىرلارنى قايتۇرۇش مەركىزىگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىن قايتا ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 5-ئاپرېل سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نيۇ-يوركتىكى ب د ت باش شتابىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىسىدىكى ئىنكاسىنى ئېلىشقا تىرىشتۇق. سەئۇدى ۋەكىلىنىڭ ئىشخانىسىدىكى بىر ئەمەلدارى تېلېفونىمىزنى ئالغان بولسىمۇ، بىراق سۇئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلدى.
ئۇ مۇنداق دىدى: «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى سىياسىتىمىز بىزنىڭ بارلىق باياناتلىرىمىزدا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىراق سىزگە ئېيتسام، سىز دېگەن دېلودىن خەۋىرىم يوق. مەن بۇ ئىشقا مەسئۇل ئەمەس، مەن باشقا ئىشقا مەسئۇل. مېنىڭ باشقا خىزمەتداشلىرىم بار، بەلكىم ئۇلار سىز سورىغان سۇئاللارغا ياخشىراق جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز خالىسىڭىز، ئۇلارغا بېرەي، ئۇلار بەلكىم سىزگە تېلېفون قايتۇرۇشى مۇمكىن.»
بىز ئۇنىڭدىن يەنە «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى سىياسىتىنى ئېنىق دېدىڭىز، ئۇنىڭ قانداق ئېنىق ئىكەنلىكىگە ئېنىقلىما بېرىپ باقامسىز؟» دەپ سورىغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ بۇ سۇئالغا يەنىلا ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ جاۋاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز سەئۇدى دىپلوماتلىرىنىڭ تېلېفون قايتۇرۇشىنى ساقلىغان بولساقمۇ، بىراق ئۇلاردىن ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق تېۋىش كەلمىدى.
سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇش خەۋپى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئىزچىل ئەندىشىگە سېلىپ كەلگەن. بۇ قېتىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇخەلچەم ئابلا ۋە ئۇنىڭ قىزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، قالغان ئىككى ئۇيغۇر بىلەن بىللە خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا قارىتا جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ھۆكۈمىتىدىن تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى، ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، لاگىرغا قامىلىشتەك زور خەۋپكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. بۇ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدا 2-قېتىم بۇنداق چاقىرىق ئېلان قىلىشىدۇر. مەزكۇر تەشكىلات بۇنىڭ ئالدىدا سەئۇدى دائىرىلىرىدىن ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئالكان ئاكاد 5-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىدە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇر يوقلىقى، نۆۋەتتە ئۇللارغا نېمە ئىشلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىغا بىر نېمە دېيىشنىڭ مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئالكان ئاكاد مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر بىزدە بىز ئېلان قىلغان ئاخباراتتىن باشقا ئىلگىرلەپ بىر نېمە دېيىشكە يېڭى ئۇچۇر يوق. ئۇلارنىڭ تەقدىرىنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدە قانداق بولغانلىقىنى بىلمىدۇق. بەلكىم سىز كۆرگەن بولسىڭىز كېرەك، ب د ت نىڭ ئالاھىدە تەكشۈرۈش مۇتەخەسىسلىرىمۇ بۇ توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. شۇنداقلا يەنە خەلقئارا پارلامېنتلار ئارا خىتاي بىرلەشمىسىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ھۆكۈمىتىگە خەت يازدى. قىسقىسى، بىر قاتار تەشكىلات ۋە ئورگانلار بۇ مەسىلىدە بېسىم قىلىۋاتىدۇ. بىراق ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇلارغا نېمە ئىش بولغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك مۈشكۈل.»
ئالكان ئاكاد يەنە ھازىرقى باسقۇچتا ئۆزلىرىنىڭ كۆپ نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بولغان بولۇشى ياكى داۋاملىق سەئۇدى ئەرەبىستاندا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئالكان ئاكاد مۇنداق دېدى: «ھازىرقى ۋاقىتتا بىز كۆپ نەرسە دېيەلمەيمىز. چۈنكى بۇ بولۇۋاتقان نازۇك مەسىلە. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئۇلارغا نېمە بولغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇرىمىز يوق. سىزمۇ بىلگەندەك، بۇ دېلودا ئۇچۇرغا ئېرىشمەك قىيىن… بەلكىم ئۇلار ھازىر يولدا بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا يەنە ئۇلار يولغا سېلىنىپ بولغان بولۇشى ياكى داۋاملىق سەئۇدى ئەرەبىستاندا بولۇشىمۇ مۇمكىن. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز.»
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 4-ئاپرېل ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرلەر كەڭ كۆلەملىك قامىلىش، جازالاش، قىيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت كىشىنى خىتايغا قايتۇرۇش خەلقئارا قانۇنغا چۆچىتەرلىك دەرىجىرىدىكى خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىدۇر،» دېىيىلگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەرنى رىياد ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىپ: «تۆت ئۇيغۇرنى بۇ ئاپەت خاراكتېرلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن ۋاقىت قىستاپ كەلمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ دەرھال بۇ ئىشقا ئارلىشىپ، رىياد دائىرىلىرىنى خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى توختىتىشقا ئۈندىشى مۇھىم بولۇپ قالدى،» دېگەن.
نۇرئىمان ھەمدۇللانىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى ئەڭ خەتەرلىك تەرىپى ئۇلار ھەرقانچە تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن دادىسى ھەمدۇللا ۋە قالغان 3 نەپەر تۇتقۇننىڭ ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالماسلىق ئىكەن.
بۇ ۋەقە ئۆتكەن ھەپتە ب د ت كىشىنىڭ ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىككە مەسئۇل ئىككى تەكشۈرگۈچى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ھۆكۈمىتىدىن ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان. باياناتتا، سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتىگە ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىپ، ئەگەر بۇ ئىككى ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلسا، «ئۇلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىش خەۋپىگە ئۇچرايدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەزكۇر باياناتى 1-ئاپرېل ئېلان قىلىنىشنىڭ ھارپىسىدا بۇخەلچەم ئابلا بىلەن ئۇنىڭ 13 ياشلىق قىزى تۇتقۇن قىلىنغان.