14 مىڭ ئىمزا قويغۇچىنىڭ قىزىل سىزىقى: شىۋېيتسارىيە سودا ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپىدىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك!
2024.09.19
بۈگۈن ئەتىگەن، يەنى 18-سېنتەبىر كۈنى شىۋېيتسارىيە پايتەختى بېرندا شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىنى «شىۋېيتسارىيە-خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمى» گە قايتا قاراپ چىقىش تېما قىلىنغان ئالاھىدە بىر پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى.
ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي، ئەتىگەن سائەت 9:00 دىلا شىۋېيتسارىيە پايتەختى بېرندىكى فېدېرال ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا ئۇيغۇر، تىبەت، شىۋېيتسارىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە شىۋېيتسارىيە پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر توپلاندى. ئۇلار فېدېرال ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا «شىۋېيتسارىيەگە قىزىل سىزىق: كىشىلىك ھوقۇق بولماي تۇرۇپ ئەركىن سودا كېلىشىمى داۋام قىلمايدۇ» دېگەن ئۇزۇن پىلاكاتنى ئاچتى ۋە نارازىلىق نامايىشىنى باشلىدى. نامايىشچىلار ۋەكىللىرى ئارقا-ئارقىدىن نۇتۇق سۆزلەپ، ھۆكۈمەتنى «شىۋېيتسارىيە-خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمى» گە قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.
پائالىيەت باشلىنىشى بىلەن «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ئاننا لەيسېڭ خانىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىز ھەر قايسى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە بىر ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلىغان ئىدۇق. چۈنكى شىۋېيتسارىيە خىتاي بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمىنى داۋام قىلىشنى خالايدۇ. ئەمما بىزنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىمىز كىشىلىك ھوقۇق تىلغا ئېلىنمىغان بىر سودا كېلىشىمىدە ھۆكۈمەت خىتاي بىلەن بىر ئۈستەلگە كەلمەسلىكى، كەلگەن تەقدىردە چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق ئالدىنقى شەرت بولۇشى كېرەك! بۇ سەۋەبتىن بىز بۈگۈن بۇ يەردە بۇ ئۇزۇن قىزىل لىنيە ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئەسلەتمەكچى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىز ئىكەنلىكىنى خاتىرىلەنمەكچى!»
بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى 2020-يىلى شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، كامپاكىس، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، شىۋېيتسارىيە تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى، ياۋروپا تىبەت ياشلار تەشكىلاتى ۋە تىبەت ئاياللار تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە باشلاتقان ئىدى. بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتتە شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخانلى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2020-يىلىمۇ شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىگە 20 مىڭ كىشىلىك ئىمزالىق تەلەپ خېتى تاپشۇرۇلۇپ، «خىتاي-شىۋېيتسارىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى» نى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان ئىكەن.
بۈگۈنكى ئىمزالىق تەلەپ خېتىنى تاپشۇرۇش مۇراسىمىدا «شىۋېيتسارىيە ئۈچۈن قىزىل سىزىق» پىلاكاتىنى ئېچىشقا پارلامېنت ئەزاسى نىكولاس ۋالدېر، سىبەل ئاسلان ۋە كىرىستىنا بادېشېر قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتناشتى. پائالىيەت داۋامىدا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى نىكولاس ۋالدېر سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە «شىۋېيتسارىيە-خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمى» تەكرار تەرەققىي قىلىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، مىليونلىغان ئۇيغۇر، تىبەت خەلقىنىڭ قىرغىنچىلىققا، قىيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلىنغان ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانۇنلار چىقىرىلىۋاتقان بىر پەيتتە، شىۋېيتسارىيەنىڭ خىتاي بىلەن بۇ كېلىشىمنى ئۇزارتىشى شىۋېيتسارىيەنىڭ قىممەت قارىشىغا زىت ئىكەن.
فېدېرال ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا يىغىلىشقا قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھام مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى پەقەتلا سان ياكى بىر ئابستراكت ئۇقۇم ئەمەس. بۇ، بىز ئۇيغۇرلار ھەر كۈنى ھېس قىلىدىغان رەھىمسىز رېئاللىق!»
سۆز قىلغۇچىلارنىڭ نۇتۇقلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قوللىرىغا قىزىل پىلاكاتنى ئالغان نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر پارلامېنت بىناسى ئالدىغىچە بېرىپ بۇ قېتىم توپلانغان 14 مىڭ كىشىنىڭ ئىمزاسىنى پارلامېنتقا تاپشۇردى. ئۇلار ھەر بىر سانتىمېتىر ئارىلىققا بىر ئىمزا قويۇلغان 14 مىڭ كىشىنىڭ ئىمزاسىنى 140 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قىزىل لېنتىغا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ ئۇزۇن لېنتىلىق ئارقاننى شىۋېيتسارىيە پارلامېنتى كاتىباتلىقىغا تاپشۇردى.
«خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» دىن سېلىنا موررېلمۇ نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر بىلەن بىرلىكتە باشلاتقان بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىدە جەمئىي 14 مىڭ ئىمزا توپلاندى. بۇ سەۋەبتىن بىر ئىمزاغا بىر سانتىمېتىرنى سىمۋول قىلىپ 140 مېتىر بۇ قىزىل ئارقاننى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا پارلامېنت كاتىباتلىقىغا تاپشۇردۇق. بۇ بىزنىڭ بۇ پائالىيەتكە قېتىلىپ ئىمزا قويغان 14 مىڭ ئادەمنىڭ بېسىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىقى. بىز ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قېتىمقى مۇزاكىرىدە بۇ 14 مىڭ كىشىنىڭ ئىمزاسىنى ئېتىبارغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز».
بۇ پائالىيەت بۈگۈن شىۋېيتسارىيەنىڭ ئەڭ چوڭ كۈندىلىك گېزىتى بولغان «بىلىك» گېزىتىدە مەخسۇس تېما بويىچە خەۋەر قىلىندى.