«5 يۇلتۇز شەرقتىن چىقتى» ناملىق ئۇسسۇللۇق ئوپېرادىن كۆزلەنگەن تەشۋىقات مەقسىتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2023.03.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
«5 يۇلتۇز شەرقتىن چىقتى» ناملىق ئۇسسۇللۇق ئوپېرادىن كۆزلەنگەن تەشۋىقات مەقسىتى خىتايدا ئىككى يىل زور مەبلەغ سېلىنىپ، تەييارلانغان «5 يۇلتۇز شەرقتىن چىقتى» ناملىق كۆپ پەردىلىك ئۇسسۇللۇق ئوپېراسىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى مارت.
Social Media

شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى بولغان 10 يىلدىن بۇيان، ئىلگىرىكى يىللاردىكى «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەن سەپسەتىگە يەنە، «جوڭخۇا بىرلىكى ئېڭى» نامىدىكى خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدىكى ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ خىتايلاشتۇرۇشنىڭ قوشۇلۇشى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى 8-مارت كۈنى، خىتايدا ئىككى يىل زور مەبلەغ سېلىنىپ، تەييارلانغان «5 يۇلتۇز شەرقتىن چىقتى» ناملىق كۆپ پەردىلىك ئۇسسۇللۇق ئوپېرادا، نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان «5 يۇلتۇز شەرقتىن چىقتى» دېگەندەك خىتايچە خەتلەر يېزىلغان بىر يەڭلىككە باغلىق ھېكايە توقۇپ چىقىلغان. بۇنىڭدا خىتاينىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي رايوندىكى قەدىمى خوتەن دىيارىدىكى بەگلىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە غەربىي رايونى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئاتالمىش ئۇرۇش غەلىبىسى تېما قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە، بۇ ئۇسسۇللۇق ئوپېرانى تەييارلاشتا خىتاينىڭ تارىخى كىتابلىرىدىكى بايانلار ۋە خوتەن نىيەدىن تېپىلغان خىتايچە خەتلەر يېزىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلار، يەنى «بەش يۇلتۇز شەرقتىن چىقتى» دېگەن خەت يېزىلغان يەڭلىكتىن ئىلھام ئېلىنغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئارتىسلىرى بىرلىشىپ رول ئالغان بۇ ئۇسسۇللۇق ئوپېرانىڭ خىتاي پايتەختى بېيجىڭ ۋە باشقا جايلاردا 30 نەچچە قېتىم قويۇلۇپ، ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بۇ ئۇسسۇللۇق ئوپېرانىڭ 4-پەردىسىدە، خەن سۇلالىسى پادىشاھى شيەندى دەۋرىدە، پالچىلار ئاسماندىكى «5 يۇلتۇزنىڭ بىر سىزىققا كەلگەنلىكى» گە تەبىر بېرىپ، «بۇ ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى» دېگەنلىكى ئۈچۈن، پادىشاھ شيەندىنىڭ غەربىي رايوندىكى ھونلارنى باستۇرۇشقا ئەسكەر ئەۋەتىپ، غەلىبە قازانغانلىقى ھېكايە قىلىنغان.

ئامېرىكادىكى ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلىنىڭ قارىشىچە، ئوپېرادىكى مەزمۇنلار خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ئېھتىياجىغا ئاساسەن توقۇپ چىقىرىلغان ھېكايىلەر بولۇپ، بۇ ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان تارىخىي كىتابلىرىدىكى ئەسلى بايانلارنىمۇ ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن يالغان ھېكايىلەر ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن ئوپېرا ھەققىدىكى خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان، نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان ئاتالمىش خىتايچە «5 يۇلتۇز شەرقتىن چىققان» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئاسارە-ئەتىقىنىڭ ئۆزىمۇ گۇمانلىق ئىكەن.

قۇربان ۋەلى ئەپەندى يەنە ئوپېرا ۋەقەلىكىدىكى خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي رايونغا قوشۇن ئەۋەتىپ، ھونلار بىلەن ئۇرۇشۇپ غەلىبە قازانغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىنىڭمۇ پۈتۈنلەي ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قۇربان ۋەلى ئەپەندى يەنە خىتاي تارىخىدىكى خانىدانلىقلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ باشقا خەلقلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقى ھەققىدە تارىخى بايانلار بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاتالمىش غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئۆزىمۇ ھونلارنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، يەنە مەيلى غەربىي خەن سۇلالىسى بولسۇن، ياكى شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بولسۇن، ھونلار بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا خەن سۇلالىسىنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان ئىكەن.

قۇربان ۋەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئوپېرانى تەييارلىشىدىكى مەقسىتى بىر تەرەپتىن خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ قەدىمىي ئۇيغۇر دىيارى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بارلىقىنى ئىسپاتلاش، ھەتتا «بۇ زېمىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەننى دۇنياغا قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن نۆۋەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئېتىراپ قىلىنغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسىگە قارشى ئەيىبلەشلىرىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن توقۇلغان يالغانچىلىق تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىش ئىكەن.

گېرمانىيەدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئابلەت سەمەت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن قەدىمىي ئۇيغۇر دىيارى بىلەن خىتاي خاندانلىقلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ھەققىدە توختالدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا، بۇ ساقتا تارىخى ھېكايىلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشتىكى مەقسىتىنىڭ، غەربىي يۇرت دەپ ئاتالغان قەدىمىي ئۇيغۇر دىيارى بىلەن خىتاي تارىخىدىكى سۇلالىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى باغلايدىغان ئىسپاتلارنى ياساشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر ئابلەت سەمەت ئەپەندى يەنە ئوپېرادا تىلغا ئېلىنغان يىپەك رەختكە، يېڭى يەڭلىككە يېزىلغان خىتايچە خەت ۋە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىدىكى «يىپەك يولى» تەشۋىقاتى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىشتىكى يەنە بىر مەقسىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «جوڭخۇا مىللەتلىرى» نامىدا ئۆز ماكانىدىمۇ ئېرىتىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەن.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەتبۇئاتى بولغان «تەڭرى تاغ تورى» مەزكۇر ئوپېرا ھەققىدىكى خەۋىرىدە ئېنىق قىلىپ، مەزكۇر ئەسەر «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نۇقتىلىق تۈر ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھەمدە جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيىتىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرىدىغان نادىر ئەسەر» دەپ باھا بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.