ئابدۇۋەلى ئايۇپ 2024-يىللىق «تىل ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
2024.05.24
«خەلقئارالىق تىل ھوقۇقى بىرلەشمىسى» (Global Coalition for Language Rights) 22-ماي كۈنى 2024-يىللىق «تىل ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى» (2024 Language Rights Defenders Award)غا ئېرىشكۈچىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر ئورگان تىل ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشتۈرۈلگەن تەشكىلاتلار بىرلەشمىسى بولۇپ، بۇ يىللىق مۇكاپاتىنى ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىزدىنىۋاتقان تىلچى، يازغۇچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىگە بەرگەن.
«خەلقئارالىق تىل ھوقۇقى بىرلەشمىسى» نىڭ مەزكۇر مۇكاپات ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خەلقئارالىق تىل ھوقۇقى بىرلەشمىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ‹تىل ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى›نىڭ ساھىبى بولغانلىقىنى مەمنۇنىيەت بىلەن جاكارلايدۇ. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇيغۇر پائالىيەتچى، يازغۇچى ۋە تىلشۇناس. ئۇ ھەم خىتايدا ھەم مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ئۇ بىر تەرەپتىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىزچىل ئانا تىل مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەسسە قوشقان؛ يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقئارا مۇنبەرلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئانا تىل توغرىسىدا نۇرغۇن ماقالىلەرنى يازغان، ئانا تىل دەرسلىكلىرىنى تۈزگەن. ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش پروگراممىلىرىنى تەشكىللىگەن ۋە يېتەكچىلىك قىلغان. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا تىل ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە ھەر خىل ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ھارماي-تالماي ئانا تىلنى قوغداش تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. ئۇ يەنە تەشۋىقات، ھۆججەتلەشتۈرۈش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتى بولغان ئۇيغۇريار ‹Uyghur Help› نى قۇرغان.
ئابدۇۋېلى ئايۇپ بۇ جەرياندا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ خىزمەتتىن ۋاز كەچمىگەن. ئۇ. ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى كۈچلەندۈرۈشكە تېرىشقانلىقى ئۈچۈن، 2013-يىلدىن 2014-يىلغىچە خىتايدا ناھەق ھالدا تۈرمىگە تاشلانغان. تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن، ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىشنى تاللىغان ۋە ھازىر نورۋېگىيەدە ياشىماقتا. خەلقئارالىق تىل ھوقۇقى بىرلەشمىسى بۇ مۇنەۋۋەر تىل ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىنىڭ خىزمەتلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى تىل ھوقۇقى كۈرىشىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ھەمدە كىشىلەرنى بىرلىكتە تىرىشىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تىل ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەت بەرپا قىلىشقا چاقىرىمىز.»
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇكاپات ماڭا خۇددى بۇ مىللەتنىڭ بەختسىزلىكىگە دۇنيانىڭ بەرگەن تەسەللىسىدەك تۇيۇلدى.»
سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.