پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت: «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تراگېدىيەسى تەكرارلانماقتا»
2023.03.15

ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى سەپداشلىرى بىلەن بىللە شىڭ شىسەي تەرىپىدىن جادۇغا بېسىلىپ تۇرپاندا قەتلى قىلىنىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە يېزىلغان تارىخى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا «ياشىسۇن ئەركىنلىك!»، «ياشىسۇن ئازادلىق!» دەپ ياڭراق شوئار توۋلاپ ئەركىنلىكنىڭ ئۆلۈمدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئۆلۈم ئالدىدىكى مەردانىلىقى بىلەن جاكارلايدۇ. شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئاشۇ ۋاقىتتا 32 ياش ئىدى.
شائىر ئەينى دەۋردە مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى قەلىمى ئارقىلىق خەلقنى ئويغاتقان بولۇپ، بۇ ئەينى دەۋردىكى ھاكىمىيەتنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن كەسكىن قىلىپ مۇنداق دېگەن:
«كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن.
تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.
‹خەپ! . . › دېسەڭ ئۇ چاغ ئۈلگۈرمەي قالار،
شۇندىلا ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بېرىسەن.»
( 1921-يىلى تۇرپان)
تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تراگېدىيەسى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئالىمجان ئەپەندى ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن تراگېدىيە ۋە نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان تراگېدىيەلەر ھەققىدە ئەتراپلىق توختالدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ دۈشمەنگە قىلچە بويۇن ئەگمەستىن ياشىغان قىسقا ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
ئاز كەم بىر ئەسىردىن كېيىن يەنە ئوخشاش، خەلقنى ئويغاق تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلار تۈرمىلەرگە تاشلاندى. لاگېرلارغا سولىنىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلدى. ھەتتا بەزىلىرى ئېغىر قىيىن-قىستاقلاردا جان ئۈزدى.
ئۆزگىچە، ئويغاق پىكىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان يازغۇچى شائىرلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭلا دىققىتىنى تارتىپ قالماستىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىش ئوبيېكتى بولغانىدى.
مودېرنىست شائىر ۋە يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ 16 يىللىق كېسىلگەنلىكى، نۆۋەتتە ئاتۇشتىكى ئاغۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەنىدى. «ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى» سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت ۋە 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان يازغۇچى يالقۇن روزى، 2017-يىلى رادىيومىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا كېسىلىپ بولغانلىقى ۋە نۆۋەتتە تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان خەلقئارادا تونۇلغان فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت قاتارلىقلار ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى بىر تەرەپتىن ئەدەبىياتنى تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن بولسا، مۇنەۋۋەر يازغۇچى-شائىرلارنى كونترول قىلىشقا، ھەتتا يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئېلان قىلغان 2020-يىللىق «يېزىش ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى» دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي يازغۇچى، زىيالىي ۋە تەتقىقاتچىلار ئەڭ كۆپ قامالغان دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتقا قاماقتىكى 40 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى كىرگۈزۈلگەن.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، شائىر مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەندان خانىم ئوقۇغۇچىلىرىغا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە مەخسۇس دەرس ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بالىلارغا قەھرىمان ئەجدادلىرىنى تونۇتۇشنىڭ مۇھىملىقنى تەكىتلىدى.
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئاخىردا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلارنىڭ مىللىتى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.