ئابدۇساتتار ھاجىم: «تويى بولۇش ئالدىدا قايتا تۇتۇلغان جىيەنىمدىن خەۋەر يوق»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.07.25
abuzer-abdughappar بۇ يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن قايتىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن 24 ياشلىق ئابۇزەر ئابدۇغاپپار. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Abdusattar Abdurusul Hajim teminligen

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان چوڭ تۇتقۇنى 7‏-يىلىغا قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە، ئىلگىرى سەۋەبسىز تۇتۇلۇپ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە جازا ئۆتەپ چىققان سابىق تۇتقۇنلارنىڭ قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئائىلە جەمەتى بويىچە تۇتۇلغانلارنىڭ ئارىسىدا ساخاۋەتچىلىكى بىلەن جامائەتكە تونۇلغان ئۇيغۇر كارخانىچىلارمۇ زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، جۇدالىق ۋە ئەنسىزلىك ئىچىدە ياۋروپادا ياشاۋاتقان سودىگەر ئابدۇساتتار ئابدۇرۇسۇل ھاجىم، غۇلجادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بەزىدە قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق بىلىپ تۇرغان ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ ھەپتە رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يېقىندا قازاقىستاندىكى تۇغقانلىرى ئارقىلىق، ئۆز ئىنىسىنىڭ ئوغلى، يەنى جيەن ئوغلى 24 ياشلىق ئابۇزەر ئابدۇغاپپارنىڭ بۇ يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن قايتىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ھازىرغىچە دائىرىلەر ئابۇزەرنىڭ ئائىلىسىگە ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى توغرىلىقمۇ ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن ئىكەن.

بۇ ئابدۇساتتار ھاجىمنىڭ ئىككىنچى قېتىم تۇتقۇندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشى ھېسابلىنىدۇ.

رادىيومىزدا ئىلگىرى خەۋەر قىلىنغان لاگېر تۇتقۇنلىرى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقلار ئارخىپىدا، «ئابۇزەر ئابدۇغاپپار 1999-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، ئۇ 2015-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، تۈركىيەدە بىر يىل ئوقۇپ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، غۇلجادا 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا قامالغان. ئابۇزەر بىرىنچى قېتىم تۇتۇلغاندا 19 ياشتا ئىدى» دېيىلگەن.

ئابدۇساتتار ھاجىم ئەينى چاغدا ئۆز ئىنىسى، يەنى ئابۇزەرنىڭ دادىسى ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇلنىڭ 2018-يىلى 5-ئايدا «تارقاق ھەج قىلغان»، «باجدىن قاچقان» دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن خىتاي ساقچى تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ئىككى-ئۈچ ئاي ئىچىدىلا «يېپىق سوت» ئېچىلىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇ جەمەتىنىڭ بىر قانچە يۈز مىليون دوللاردىن ئارتۇق مۇقىم مۈلكى، شىركەت ۋە ئۆيلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاتقانىدى.

ئابدۇساتتار ئابدۇرۇسۇل ئەپەندى، 2021-يىلى رادىيومىزغا قايتىدىن مەلۇمات بېرىپ، 2017-يىلى 19 يېشىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئابۇزەر ئابدۇغاپپارنىڭ بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇغاپار ھاجىمنىڭمۇ 2020-يىلى تۇيۇقسىزلا لاگېردىن ساق قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئابدۇساتتار ھاجىم، جىيەنى ئابۇزەر ۋە ئىنىسى ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇلنىڭ ئەينى چاغدا قويۇپ بېرىلىشىدە ئۆزىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ۋە باشقا غەرب مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنىڭ مەلۇم تەسىرى بولدى، دەپ ئىشىنىدىكەن.

2020-يىلى مارتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىگۇناھ ھالدا تۇتۇپ مەخپىي ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان ئابدۇساتتار ئابدۇرۇسۇلنى 2020-يىلى 4-مارتتا CGTN، يەنى «خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى» غا چىقىرىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ۋە چوڭ ئوغلىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلدۇرۇپ سۆزلەتكەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ ئابدۇغاپپارنى 2021-يىلى يازدا يەنە بىر قېتىم تۇتۇپ، قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇل غۇلجا قارادۆڭ يېزا بايكۆل مەھەللىسىدىن بولۇپ، 4 بالىنىڭ ئاتىسى ئىكەن. ئۇ ئوغلى ۋە ئىنىلىرى بىلەن بىرلىكتە قازاقىستان بىلەن غۇلجا ئارىسىدا ئىمپورت-ئېكسپورت تىجارىتى قىلىپ روناق تاپقان، شۇنداقلا غۇلجادا ھۆرمەتكە سازاۋەر داڭلىق ساخاۋەتچىلەردىن ئىكەن.

مانا مۇشۇنداق بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولغان ئابۇزەر، 20 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ لاگېرلاردا يېتىپ چىققاندىن كېيىن، دادىسىغا ياردەملىشىپ يەنە تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ بۇ يىل توي قىلىپ مۇستەقىل بىر ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقىنىدا، تۇيۇقسىز يەنە تۇتۇلغان ۋە 4 ئايدىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمىغان. ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈرۈمچىدىكى دائىرىلەرگە كۆپ پۇل خەجلەپ يول ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىغان.

بىز ئابدۇساتتارنىڭ يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، ئابۇزەرنى قايتىدىن تۇتقۇن قىلغان ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىز ئۇلىنىشى بىلەن بىز ئابۇزەرنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ۋە نەدىلىكى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفوننى ئالغان خىتاي ساقچى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئابۇزەرنىڭ قايتا تۇتۇلغانلىقى گەرچە خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قايتا تۇتۇلغانلىقى ئابدۇساتتار ھاجىمنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئالمۇتادىكى چوڭ دادىسى مۇتەللىپ ئەپەندىنىڭ بايانلىرى بىلەن جەزملەشتى.

مۇتەللىپ ئەپەندى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 يىللىرىدىكى كۆچ-كۆچتە قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ 2017-يىلىدىن ئىلگىرى ھەر ئايدا دېگۈدەك غۇلجاغا بېرىپ-كېلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ۋەزىيەتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى بىلەن يېقىنقى يىللاردا بېرىپ باقمىغان ئىكەن. ئۇ، ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق خەۋەرلىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئابۇزەرنىڭ چوڭ بوۋىسى بولىدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئابۇزەرنىڭ تويى بولىدىغانغا ئىككى ئايمۇ قالمىغان بىر ۋاقىتتا، تۇغقانلار ئۈندىداردا ئابۇزەرنىڭ بۇ يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى قايتا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، شۇنىڭدىن كېيىنكى 4 ئايدىن بۇيان ئۇنىڭدىن ھېچ قانداق ئۇچۇر بولمىغانلىقى توغرىلىق سۆزلەشكەن ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇينىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان سۆزلىگەن سۆزلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ۋە جىددىي تۈردە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن ئىدى.

ئۇ 30-مارت كۈنى خوتەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، مۇقىملىقنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يەنىلا «ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئامىل» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسا؛ ئارقىدىنلا 24-ئاپرېل كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي ھەيئەتلىرىنىڭ مەخسۇس يىغىنىدا، «شىنجاڭدا دىققەتنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنى دائىملاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك» دېگەن. ئۇ يەنە ئاساسىي قاتلامغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسىي قاتلام يېزا-كەنتلەرگە زور ساندا كادىر چۈشۈرۈشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنىدى.

گەرچە ئابۇزەر ئابدۇغاپپارنىڭ نېمە سەۋەبتىن قايتا تۇتۇلغانلىقىنى ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىدىن دەلىللەش مۇمكىن بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئىلگىرى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن ياكى تۈرمىدە جازا مۇددىتى تۈگىگەنلەرنىمۇ ھەر تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن قايتىدىن جازالاۋاتقانلىقى، بۇ ئارقىلىق «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت» دەپ قارىغان كىشىلىرىنى ئۆمۈر بويى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇشنى قەستلەۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ يىل-6 ئايدا رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەكىت ناھىيەسىنىڭ غازكۆل يېزىسىدىكى بىر كەنتتىن 36 كىشىنىڭ يېقىنقى 7 يىل ئىچىدە قايتىدىن جازالانغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، چەت ئەل مەتبۇئاتلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغانىدى.

بۇ يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى تارماقلىرىنىڭ 2024-يىللىق «يازلىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى يەنە مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە 2024-يىللىق «رەزىل قارا كۈچلەرنى يوقىتىش» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقى مەلۇم. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق باستۇرۇش دولقۇنىنى دائىملاشتۇرۇۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.