«پەلەك شاھى» ئادىل ھوشۇر نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدىن دومىلاپ چۈشتى؟
2023.01.27

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «پەلەك شاھى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئادىل ھوشۇرنىڭ يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر ۋىدېيوسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغىدى.
مەزكۇر ۋىدىيودا، بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن ئادىل ھوشۇرنىڭ 1-ئاينىڭ 23-كۈنى قىزى ۋە شاگىرتلىرى بىلەن بىرلىكتە سىچۇەن ئۆلكىسى جەنگى ناھىيەسىدىكى جيەنمېنگۇەن جىلغىسىغا تارتىلغان ئېگىزلىكى 180 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 180 مېتىر كىلىدىغان داردا ماھارەت كۆرسىتىپ، خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمىنى تەبىرىكلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ۋىدىيودا كۆرسىتىلىشىچە، ئادىل ھوشۇر بىلەن قىزى خىتايلارنىڭ قەدىمكى ئۇرۇش كېيىملىرىنى كېيىپ، جىيەنمىگۇەن جىلغىسىغا تارتىلغان پولات سىمدىن مېڭىپ ئۆتكەن، ئاندىن كېيىن زوق-شوق بىلەن خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمىنى تەبرىكلىگەن.
ئادىل ھوشۇرنىڭ جيەنمېنگۇەن جىلغىسىغا تارتىلغان پولات سىمدىن مېڭىپ ئۆتكەنلىكى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ۋىدىيولارنىڭ ئاستىغا نۇرغۇن ئوخشىمىغان ئىنكاسلار چۈشكەن. ئىنكاسلارنىڭ بەزىلىرى «ئادىل ھوشۇرغىمۇ ئامال يوق، خىتاي مەجبۇرلاپ ئاشۇنداق كېيىملەرنى كېيگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ‹دېىپىغا ئۇسۇلغا سالغان›» دېسە؛ كۆپىنچىسى ئادىل ھوشۇرنىڭ ئەزەلدىن «قۇلىقى يۇمشاق»، كومپارتىيەگە سادىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.
ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە ئادىل ھوشۇرنىڭ قەشقەر يىڭىساردىن ئىكەنلىكى، ئادىل ھوشۇر 1997-يىلى 6-ئايدا سەنشيا بوغۇزىدىن ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، يۇرتداشلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ناھايىتى قوللىغانلىقىنى يازغان.
1997-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى 26 ياشلىق ئادىل ھوشۇر چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ سەنشيا بوغۇزىغا تارتىلغان 640 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پولات سىمدىن 13 مېنۇت 48 سىكۇنتتا مېڭىپ ئۆتۈپ، ئەسلىدىكى 53 مىنۇت 10 سىكۇنتتا ئۆتۈشتەك دۇنيا جېنىس رېكورتىنى بۇزۇۋەتكەن ئىدى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چۈشكەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئادىل ھوشۇر ئاشۇ چاغدا سەنشيادىن قايتىپ ئۈرۈمچىگە بارغاندا، ئۇيغۇر خەلقى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا سەلدەك ئېقىپ ئۇنى ئاجايىپ قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالغان. خەلق ئۇنى جەنۇبىي قوۋۇقتىن سېرىك ئۆمىكىگىچە مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ ئاپارغان.
ئىنكاسلارنىڭ كۆپىنچىسىدە، ئادىل ھوشۇرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خىتايغا ياخشىچاق بولۇشنى ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ كەلگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ۋە «مۇقىملىق ساقلاش» قاتارلىق سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا يانتاياق بولۇپ بەرگەنلىكى تەنقىد قىلىنغان.
كانادادا تۇرۇشلۇق سىرىك ماھىرى ئايگۈل مەمەت 1990-يىللارنىڭ ئاخىردىن 2004-يىلى 1-ئاي كانادادا يەرلىشىپ قالغانغا قەدەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سېرىك ئۆمىكىدە ئادىل ھوشۇر بىلەن خىزمەتداش بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئادىل ھوشۇرنىڭ يېقىندا تارقالغان ۋىدېيوسىنى كۆرۈپ ھەيران قالمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەزەلدىن ئۆز مەنپەئەتىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى، ئەينى ۋاقىتتا خىزمەتداشلارنىڭمۇ ئۇنى «ھۆكۈمەتكە سادىق» دەپ قاراپ، ئارىسىدىكى سىرلارنى ئۇنىڭدىن ساقلىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
ئايگۈل مەمەت خانىم كاناداغا كېلىشتىن ئىلگىرى دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك سېرك ئارتىسى بولۇپ، 2004-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن سېرك ئۆمىكى تەركىبىدە كاناداغا ئويۇن قويۇشقا كەلگىنىدە، كانادا ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەپ قەپ قالغان 7 نەپەر ئۇيغۇر سېرك ئارتىسىنىڭ بىرىدۇر. ھالبۇكى، شۇ ئۆمەك تەركىبىدە كاناداغا بىللە كەلگەن ئادىل ھوشۇر، خىزمەتداشلىرىنىڭ شۇنچە نەسىھەتلىرىگە قارىماي، خىتايغا قايتىپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئادىل ھوشۇرنى «شىنجاڭ خەلقىنىڭ ياخشى ئوغلى» دەپ ماختىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى سېرىك پائالىيەتلىرى ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتىن يول ئېچىپ بەرگەن. ئادىل ھوشۇر ھەتتا كېيىنكى مەزگىللەردە خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «شىنجاڭ ۋەكىلى» بولغان.
ئەينى ۋاقىتتا ئايگۈل مەمەت خانىم قاتارلىق 7 كىشىنىڭ كانادادا تۇرۇپ قىلىشىغا ياردەم قىلغان، ھازىرقى د ئۇ ق مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەركىزى ئوتتاۋادىكى ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىقى مەمەت توختى ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلارنى ئەسلەپ، ئادىل ھوشۇرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىقلىقىنى بىلدۈرۈپ قايتىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن 20 يىللار ئىلگىرى قانداق بولغان بولسا، ھازىرمۇ ھېچ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، يېقىندا تارقالغان ۋىدىيودىن ئۇنىڭ ھەتتا خىتاي مەدەنىيىتىگە قاتتىق چوقۇنىدىغان بىرى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
2004-يىلى 9-ئايدا كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا «پەلەك شاھى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلىدىغان چاغدا، ئادىل ھوشۇر ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ شۇ قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا، كانادادىكى نياگارا شارقىراتمىسى (Niagara Falls) ئۈستىدىن داردىن ئۆتىدىغان پىلانىنىڭ كانادادا تۇرۇپ قالغان خىزمەتداشلىرى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالغانلىقنى ئېيتقان.
ئايگۈل مەمەت خانىم بىلدۈرۈشىچە، ئادىل ھوشۇر 2017-يىللىرىغىچە ئۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئادىل ھوشۇر ئەسلىدىنلا ھۆكۈمەت تەرەپتىن ياخشى تەمىنات بېرىلىۋاتقان بىرى ئىكەن. لېكىن ئۇ «خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى» بولغاندىن كېيىن، تۇرمۇشى تېخمۇ باياشات بولۇپ كەتكەن ئىكەن. ئۈرۈمچىدە ۋە ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى قەشقەر يېڭىساردا نۇرغۇن رىسىتوران ۋە مىھمانخانىلارنى ئاچقان ئىكەن. ئايگۈل مەمەت خانىم، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا بىۋاستە يول ئېچىپ بەرمىسە، ئادىل ھوشۇرنىڭ ھەر قانچە پۇلى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنچە چوڭ تىجارەتكە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
كېچىك يېشىدىن باشلاپ سىرك ئويۇنى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئايگۈل مەمەت خانىم، ئادىل ھوشۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەتەندە قالغان نۇرغۇنلىغان داڭلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ بارا-بارا خىتاي مەدەنىيىتى ئۆزلەشتۈرۈپ كېتىۋاتقانلقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى خىتايلارنىڭ، خىتايلارنىڭ چاڭچىلەلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىۋاتقانلىقىغا، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇل-سامالىرنى خىتايلارنىڭ ئويناۋاتقانلىقىغا يۈرىكىنىڭ قاتتىق ئېچىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لوندۇندا تۇرۇشلۇق سەنئەتكار ۋە سىياسىي پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت خانىم، خىتاينىڭ چاغاندا ئۇيغۇرلارنى خىتايچە كېيىندۈرۈپ، خىتايچە ناخشا-ئۇسسۇلغا سېلىنىشىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسى ئويۇننىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئاخىرىدا ئايگۈل مەمەت خانىم ۋە رەھىمە مەھمۇت خانىملار ئوخشاشلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنى قوغداپ قىلىشتا ناھايىتى چوڭ مەجبۇرىيىتى ھەم مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.