ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى، ئادۋوكات ئىلياس دوغان ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتتى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.11.07
ئادۋوكات ئىلياس دوغان: «د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئەنقەرەدىن قايتۇرۇۋېتىلىشى تۈركىيە قانۇنىغا خىلاپ» د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئادۋوكاتى، ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلياس دوغان ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2021-يىلى 18-سېنتەبىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدە تونۇلغان قانۇنشۇناس، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى، ئادۋوكات،  ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئىلياس دوغان ئەپەندى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەنقەرەدە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ۋاپاتى تۈركىيەنىڭ قانۇنشۇناسلىق ساھەسىدىكىلەرنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ماتەمگە چۆمدۈردى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆز تەزىيەلىرىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەزىيە خېتىدە مەرھۇم ئىلياس دوغاننىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇغا چۆمگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مەرھۇم ئىلياس دوغاننىڭ شەخسەن ئۆزىنىڭ تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سوتىدا، شۇنداقلا تۈركىيەدە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ۋە سوت ئىشلىرىدا ئاكتىپ خىزمەت قىلغان ئادۋوكات ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور يوقىتىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادۋوكات ئىلياس دوغان دەۋاگەرلەر بىلەن ئىستانبۇل سوتىنىڭ سىرتىدا. ئىستانبۇل
ئادۋوكات ئىلياس دوغان دەۋاگەرلەر بىلەن ئىستانبۇل سوتىنىڭ سىرتىدا. ئىستانبۇل
RFA/Erkin Tarim

ئىلياس دوغان ئەپەندى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن  61 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇزۇن يىللار ئۇنىۋېرسىتېتلاردا قانۇن كەسپى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە ئادۋوكاتلىق ئىشخانىسى ئېچىپ ئادۋوكاتلىق قىلغان. ئۇ، ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا سولاپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن، ئادۋوكات ئىلياس دوغان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا مەخسۇس بايانات بەرگەن ئىدى. ئۇ يەنە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە قويۇلغان ۋىزا چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن، 2020-يىلى 11-ئايدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى سوتقا بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنقەرە بىرىنچى مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلغان بولۇپ، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇ ھەقتە 2021-يىلى 6-سېنتەبىر كۈنى ئىلياس دوغانغا رەسمىي خەت ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ خەتتە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنغانلىقى يېزىلغان. ئەپسۇسكى، سوت قارارى چىقىپ 2 كۈندىن كېيىن، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىككىنچى قېتىم يەنە دولقۇن ئەيساغا ۋىزا چەكلىمىسى قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان، شۇنداقلا دولقۇن ئەيسانى ئەنقەرە ئايرودۇرۇمىدىن قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتى جەريانىدا شۇ ۋاقىتتىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئادۋوكات ئىلياس دوغان ئەپەندى لاگېر قۇربانلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى پەرزەنتلىرى، يەنى ئۇيغۇر ياشلىرى ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ تۈرك ساقچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغاندا، ھەتتا خىتاي پۇقراسى بولغان بەزى ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ھەقسىز ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، كۈچ چىقارغان ئىدى. «لاگېر قۇربانلىرى مۇنبىرى» نىڭ مەسئۇلى مەدىنە نازىم خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئادۋوكات ئىلياس دوغان ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن ياردەملىرىنى تىلغا ئالدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىش، يەنى تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش كىنىشكىسى بېرىش بەلگىلىمىسىنى چىقارغان ئىدى. بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۈرك قان سىستېمىسىدىن بولغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتلەرنى تاپشۇرسا، ئۇلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ بەلگىلىمىدە 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ بەلگىلىمىگە بىنائەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىگە ئىقامەت بېرىلگەندىن سىرت، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارغا تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىمۇ بېرىلگەن ئىدى. ھالبۇكى، كېيىنچە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى ئۇيغۇرلارنى ئەنسىزلىككە سالغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئىلياس دوغان ئەپەندى يەنە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە پۇقراسى بولۇشىغا كۆپ ياردەم بەرگەن ئىدى. بۇ ھەقتە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندى مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

ئادۋوكات ئىلياس دوغان ئىستانبۇل سوتىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاقلىغۇچى بولدى. ئىستانبۇل
ئادۋوكات ئىلياس دوغان ئىستانبۇل سوتىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاقلىغۇچى بولدى. ئىستانبۇل
RFA/Erkin Tarim

ئىلياس دوغان ئەپەندى، 2017-يىلى لاگېر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، بۇنى ئىزچىل ھالدا تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشقان ئىدى. 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ھۆكۈمەتنى تەنقىدلىگەن، شۇنداقلا «بۇ مەسىلىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇش، كېلەچەكتە تۈركىيە جاۋاب بېرەلمەيدىغان تارىخىي خاتالىق بولۇپ قالىدۇ» دېگەن ئىدى.

مەرھۇم ئىلياس دوغان ئەپەندى 1982-يىلى تۈركىيەنىڭ ساكاريا ۋىلايىتىدىكى ئارىفىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تاكى ۋاپات بولغۇچە بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ھاياتىدا 21 كىتاب ۋە كۆپ ساندا ماقالە يازغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى كىتاب ۋە ماقالىلىرى مەخسۇس كىشىلىك ھوقۇق تېمىسىدا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.