بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئافغانىستاندىن قېچىپ چىقىش سەرگۈزەشتىسى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021-08-27
Share
بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئافغانىستاندىن قېچىپ چىقىش سەرگۈزەشتىسى رادىيومىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كابۇلدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال خەمىت كارزايى خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئىتالىيەگە ئۇچىدىغان كۆچمەنلەرنى توشۇش ئايروپىلانىغا چىقىشتىن ئىلگىرى تارتقان سۈرەت. 2021-يىلى 25-ئاۋغۇست، كابۇل، ئافغانىستان.
Oqurmen teminligen

15-ئاۋغۇست تالىبان كۈچلىرى ئافغانىستاننى كونترول قىلغاندىن كېيىن ئافغانىستاندىكى نۇرغۇن كىشىلەر ۋەھىمە ئىچىدە قېلىپ، چەت ئەللەرگە قېچىشقا باشلىغان ئىدى.

دەل شۇ مەزگىللەردە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كابۇلدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال رادىيومىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تەرەپتىن تالىبان كۈچلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئافغانىستاندىن كۆچمەنلەرنى ئىتالىيەگە توشۇۋاتقان ئايروپىلاندا ئولتۇرغان كىشىلەر. 2021-يىلى 25-ئاۋغۇست.
ئافغانىستاندىن كۆچمەنلەرنى ئىتالىيەگە توشۇۋاتقان ئايروپىلاندا ئولتۇرغان كىشىلەر. 2021-يىلى 25-ئاۋغۇست.

بۇ ئۇيغۇر ئايال كۆپ قېتىم خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ئارقىلىق 25-ئاۋغۇست كۈنى كابۇلدىكى خەمىت كارزايى خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئوڭۇشلۇق ئايرىلىپ، ئىتالىيەگە ساق-سالامەت يېتىپ كەلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋز ئۇلىنىشىدىن بۇ ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئافغانىستاندىن قېچىش ھېكايىسىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت