ئاتۇشلۇق ئىككى ئاكا-ئۇكا مەھبۇس كۈنەسنىڭ قارابۇغرا تۈرمىسىدە سىرلىق بىر ۋەقە سەۋەبلىك جان ئۆزگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.05.24
urumchi-3-turme.jpg داۋانچىڭدىكى 3-نومۇرلۇق تۈرمىنىڭ دەرۋازىسى. 2021-يىلى 23-ئاپرېل.
AP

قارابۇغرا تۈرمىسى كۈنەس ناھىيەسىدىكى ئەڭ كونا بىر تۈرمىدۇر. 2017-يىلدىن كېيىن بۇ تۈرمە تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدىن مەھبۇسلار ئېلىپ كېلىنگەن. مەلۇم بولۇشىچە بۇ تۈرمىدە، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا سىدىقجان ئابلىكىم ۋە ئابلەھەت ئابلىكىم ئىسىملىك ئىككى ئاكا-ئۇكا مەھبۇس جان ئۈزگەن، تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ئىلىغا قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، كۈنەس ناھىيەسىدە ساقچى ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىم، قارابۇغرا تۈرمىسىدىن ئىككى كىشىنىڭ جەسىتى چىققانلىقى ۋە جەسەت يۇرتىغا ئېلىپ مېڭىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ جەسەت ماشىنىسى ئۆتىدىغان يوللاردا بىخەتەرلىك خىزمىتى ئىشلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شۇ كۈنكى ئىككى جەسەتنىڭ ئاكا-ئۇكىلارنىڭ جەسىتى ئىكەنلىكى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۆلگۈچىلەرنىڭ كىملىكلىرى ۋە ئۆلۈم سەۋەبىنى سوراش ئۇنىڭ خىزمەت دائىرىسىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە ئۆز باشلىقىدىن مەلۇمات سورىيالمىغان. ئەمما بۇ ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ئوخشاش كۈندە جان ئۈزگەنلىكىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ چوقۇم مەلۇم ۋەقەدە ئۆلگەنلىكىنى پەرەز قىلغان. يەنە بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ خىزمەتداشلىرىنىڭ ئېغىزىدىن شۇ جەسەت چىقىشتىن، بىر كۈن بۇرۇن قارابۇغرا تۈرمىسىنىڭ ئەمگەك مەيدانىدا، ساقچىلار بىلەن مەھبۇسلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئىككى مەھبۇسنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە گەپ تارقالغان.

 ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئۇچۇرلار رەسمىي يىغىندا ئۇقتۇرۇلمىغان، ۋەقە ئېچىنىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، مەخپىي تۇتۇلۇشىغا قارىماي كۈنەستىكى ساقچى خادىملىرى ئارىسىدا قۇلاقتىن-قۇلاققا تارقالغان.

 بىز ئىلى ئوبلاستى ۋە كۈنەس ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرا خاتالىقىنى سۈرۈشتە قىلدۇق. خادىملار تۈرمىدىكى ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ مەخپىي بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. كۈنەس ناھىيەلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى بىر خادىم، ۋەقە ھەققىدە ئۆزى مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، قارابۇغرا تۈرمىسىدە بۇ خىل ۋەقەلەردىن خەۋەردار بىر خادىم بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزغا ۋاسىتىچى بولدى. بۇ خادىم تېلېفونىمىز باغلانغان ھالەتتە قارا بۇغرا تۈرمىسىدىكى خادىم بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق سۆزلەشتى. ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى ئاكا-ئۇكا قارابۇغرا تۈرمىسىدە جان ئۈزگەن. سۆھبەت داۋامىدا، تۈرمە خادىمى ئىككى ئاكا-ئۇكىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلمىگەنلىكىنى ۋە ئۆلۈم سەۋەبىنى پەردازلاشقا توغرا كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

 بىز ئارقىدىن بۇ تۈرمە خادىمى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلەشتۇق. ئۆزىنىڭ 25 يىلدىن بۇيان قارابۇغرا تۈرمىسىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان بۇ خادىم، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئاكىسىنىڭ ئىسمى سىدىقجان، ئىنىسىنىڭ ئىسمى ئابلەھەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە بۇ ئاكا-ئۇكىلارنىڭ يۇرتىنىڭ ئاتۇش ئىكەنلىكىنىمۇ ئاشكارىلىدى.

 ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ساقچى خادىمنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن ئاڭلىشىچە، ئەمگەك مەيدانىدا، ئاكىسىنىڭ پۇتىدىن سۆرەپ ئېلىپ مېڭىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىنىسى ساقچىغا ئېتىلىپ كېلىپ ئاكىسىنى ساقچىنىڭ قولىدىن ئاجراتقان، بۇ چاغدا بۇ ساقچى بىلەن ئىككى ئاكا-ئۇكا ئارىسىدا دەسلەپتە تارتىشىش-سۆرىشىش، ئارقىدىن توقۇنۇش كېلىپ چىققان، ماجىراغا ئارىلاشقان ئۈچىنچى بىر ساقچى، ئاكا-ئۇكا مەھبۇسقا قارىتا ئوق چىقىرىپ، ئىككىسىنىڭ ھاياتىغا خاتىمە بەرگەن. دېيىلىشىچە، بۇ قارابۇغرا تۈرمىسىگە تەۋە بىر كۆكتات ئېتىزلىقىدا يۈز بەرگەن.

 ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ئاكا-ئۇكا مەھبۇسلارنىڭ ئىسىملىرى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇش ۋە كېسىلىش سەۋەبلىرى مەلۇم بولمىدى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، مىسىردىن قايتۇرۇلغان بىر قانچە ئوقۇغۇچىنىڭ يۇرتى ئاتۇشتا سوتلىنىپ، كۈنەس قارابۇغرا تۈرمىسىگە يوللانغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. ئېنىقلاشلىرىمىزدا يەنە ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان توقۇنۇشنىڭ جەريانى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تېخى دەلىللەنمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.